对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
لوپنۇرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، قەدىمىي گۈزەل يۇرت بولۇپ، ئۇ يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، تارىم     ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان گۈزەل زىمىن. ئۇ شىمالدا كورلا شەھىرى بىلەن، جەنۇبىدا تەكلىماكان قوملىقى ئارقىلىق چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، شەرقى تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربى قىسىمى بۈگۈر، كۇچا، شايار ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي شىمال قىسىمى خوشۇت-توقسۇن ناھىيىلىرى بىلەن چىگىرىلىنىپ تۇرىدۇ. زىمىنى كەڭ، بايلىقى مول، تۇپىرىقى مۇنبەت گۆھەر زىمىن. مەمىلىكەت بويىچە داڭلىق ئىچكى دەريا – تارىم دەرياسى لوپنۇر زىمىنىنىڭ 455 كېلومېترلىق بۆلىكىنى كىسىپ ئۆتىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىشىل بوستانلىقنى ھاسىل قىلغان . يەر كۆلىمى 59 مىڭ 769 كۇۋادىرات كېلومېتر كېلىدۇ. يېزا-ئىگىلىك 2-دىۋىزىسىيىنىڭ 31-32-33-34-35 ىنچى تۈەن مەيدانلىرى لوپنۇر دىيارى تەۋەلىكىگە ئورۇنلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 112 مىڭدىن ئاشىدۇ. (بىڭتۈەننىڭ تۈەن مەيدانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، مۇڭغۇل قاتارلىق 17 مىللەت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. مىلادى نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى غەربى خەن سۇلالىرى دەۋرىدە، قۇدىرەتلىك دۆلەت بولۇپ، كۆچمەن ئەللىرى بەگلىگى، تاغ دۆلىتى بەگلىكى، شەھەر دۆلىتى بەگلىگى قۇرۇلغان. ئۈچ بەگلىك غەربى رايون تۇتۇق بەگ مەھكىمىسىگە قاراشلىق بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كىيىن 1899-يىلى رەسمىي ھالدا ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپ شىڭپىڭ ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. 1914-يىلى لوپنۇر ناھىيسىگە ئۆزگەرتكەن. لوپنۇر ناھىيىسى دائىرىسىدە قەدىمىي كىروران شەھىرى، يىڭفەن شەھىرى، دورال شەھىرى، توپىشەھەر خارابىلىغى ، ئۆردەك باي قەبىرىستانلىقى، شىڭدى قىيا تاش سۈرئەتلىرى قاتارلىق قەدىمىي قىممەتلىك تارىخى ئىزناھلىرى بار. ئىلگىرى مەمىلىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئالىم ئىكىسپىدىيىچىلەردىن سىۋىن ھىددىن ، بىرگىمان، جاڭ چىيەن، خۇاڭ ۋىن سىن، ئۆردەك قاتارلىق ئارخىلوگلار لوپنۇردىكى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تەتقىقات ئوبىكتى قىلىپ، بىزگە قىممەتلىك ماتىرىياللارنى قالدۇردى. لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇرۇق تاغ رايۇنىدا كان- بايلىقلىرى مول، پۈتۈن مەمىلكەت بويىچە %92 زۈلۈك تاش ئەنە شۇ جايدىن ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى مەبلەغ سېلىپ ئاچقۇچىلارنى جەلىپ قىلماقتا. لوپنۇر كەندىرى،چاكاندا، سېرىىق بۇيا قاتارلىق قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەر لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يايلاقلىرىغا كەڭ تارقالغان. ھازىر ئۇنى ئېچىپ پايدىلىنىپ، بەلگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ دۇنيا جامائەتچىلىگىگە تونۇتماقتا. لوپنۇر ناھىيىسىدە تەبئىي ئورمان بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەر مىللەت خەلىقى توغراق ئورمانلىرىنى قوغداپ يىشىل بوستان ھاسىل قىلىپ كەلدى. مەمىلىكەت بويىچە داڭلىق تەبئىي توغراق ئورمان مۇھاپىزەت رايونى تەسس قىلىنىپ 960 مىڭ مو توغراق ئورمانلىقى يىشىل كارىدورى بولۇپ، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ كۆچىشىنى توسۇپ، ھاياتلىقنى، ئىكولوگىيىلىك موھىتىنى قوغداپ كەلمەكتە . ئانا يۇرتۇم لوپنۇر قۇم-بوراننى تىزگىنلەشنىڭ ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلىقىدىكى باتۇر جەڭچى.

ئازاتلىقتىن كېيىن لوپنۇر ناھىيىسى پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتنىڭ دانا رەھبەرلىگىدە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ شەھەر ئىچىدىن تارتىپ يېزىلارغىچە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر     بارلىققا كېلىپ، تەرەققىيات قەدىمىي ئىنتايىن تېز بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 11-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمىي يىغىندىن كىيىن ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يېزا-ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدى.

2006-يىلى،پۈتۈن ناھىيىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئومومى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى18مىليۇن 5 يۈزتوقسان مىڭ يۈەن بۇلۇپ ، %17.1 كۆپەيدى.مالىيەدىكى كىرىم 70مىليۇن 740مىڭ يۆەن بۇلۇپ، %12.3 كۆپەيدى. مۇقىم مۈلۈك 3مىليۇن860مىڭ يۈەن بۇلۇپ، %36.4 كۆپەيدى. دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى 4980يۆەن بۇلۇپ، 403 يۆەن ئاشقان بولۇپ ،داشى كەنتىگە ئوخشاش ئالدىن بىيىغان ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرى بارلىققا كەلدى.

ئىلگىرى لوپنۇر بازىرى ئىچىدە توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئەگرى-بۈگرى بىرلا كوچا بار بولۇپ، دەريا بويىدا بىرلار كىچىك سودا-سېتىق بازىرى بار ئىدى، ھازىر شەھەر ئىچى تەرەققى قىلىپ، ئىتتىپاق يولى، ئازاتلىق يولى، قۇرۇلۇش يولى، بىرىنچى ماي يولى، كۆنچى يولى، مەدەنىيەت يولى، داشى يولى قاتارلىق ئاسفالىت يولى ياسالدى، شەھەر ئىچىدە ئىككى چوڭ كۆۋرۈك سېلىنىپ شەھەر ئىچى قىياپىتى ئىنتايىن يىڭىلاندى. يېزا-كەنىت يوللىرى قاتلاممۇ-قاتلام ياسىلىپ بارلىق كەنىتنىڭ يوللىرى قاراماي قىلىندى. ناھىيە بازىرىدىن تارتىپ ھەر قايسى يېزا-مەيدان، كەنىتلەرگىچە نۆۋەتچى ئابتوبوس قاتناپ، دىھقان-چارۋىچىلارنىڭ بازارغا كىرىپ-چىقىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى قولايلىق شەرىت-شارائىت ھازىرلاندى.

لوپنۇردىكى ھەر مىللەت خەلقى باتۇر، ئەمگەكچان، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىدىغان، ھېرىپ-چارچاشتىن قوروقمايدىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك قەھىرمان خەلق. ئەجداتلىرىمىز 2000 يىلدىن بۇيان، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ بىرى يىقىلسا ئۇنىڭ ئورنىنى يەنە بىرسى بېسىپ، ئالغا ئىلگىرلەپ، بوز يەر ئېچىپ سۇ قۇرۇلىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىپ، يۇرىتنى باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئاۋات، گۈللەنگەن، تىنىچ-ئامان لوپنۇر قۇرۇپ چىقتى. چىن يۈرەك ئوغلان ئۆردەك، ۋەتەنپەرۋەر تالىپ باي ھاجى، ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان ئىنقىلابى قۇربان ئابلاجان خۇدابەردى،جاپالىق يىللاردا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلىغان شىڭ فىڭ فا، داشىلىقلارنىڭ يولباشچىسى ساۋۇر مەڭلىك، ياشلارنى بىيىش يولىغا يىتەكلەۋاتقان مەمىلىكەتلىك 4-ماي شەرەپلىك مىدالغا ئېرىشكەن مەھەممەت ساۋۇر قاتارلىقلار لوپنۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىدۇر.

لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ زىمىنى كەڭرى، شەرىقتىن غەرىپكە بولغان ئۇزۇنلىقى 502 كېلومىتېر، شىمالدىن جەنۇپقا بولغان ئۇزۇنلىقى 165 كېلومېتېر، ئۇمۇمىي كۆلىمى 59 مىڭ 760 كۇۋادىرات كېلومىتېر كېلىدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى زىمىنى كەڭ ناھىيەلەرنىڭ بېرى. بۇ ناھايىتى زور ئالاھىدىكىككە ئىگە بايلىق. بۇنداق گۆھەر زىمىن مۇنبەت تۇپىراق مەمىلىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونى بويىچە ئاز تېپىلىدۇ. بۇ لوپنۇرنى ئاشلىق بازىسى، پاختا بازىسى، مىۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، چارۋىچىلىق بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ زور ماددى ئاساسىي.

لوپنۇر ناھىيىسى بىر قەدەر ياخشى سۇ مەنبەسىگە ئىگە، داڭلىق ئىچكى دەريالاردىن تارىم دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسى لوپنۇرنى شەرىقتىن غەرىپكە كىسىپ ئۆتكەن.بۇ دەريالار ئارقىلىق قارچۇغا سۇ ئامبىرى، تارىم سۇ ئامبىرى ،ئاقسۇپا سۇ ئامبىرى ۋە شىنغا سۇ ئامبىرلىرىغا سۇ قاچىلىنىپ 500مىڭ مو تېرىلغۇ يەر يەر سۇغۇرۇلىدۇ.لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يەر ئاستى تاتلىق سۇ مەنبەسى خىلى ياخشى بۇلۇپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 3000 كوزا قۇدۇق كولىنىپ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنماقتا.

لوپنۇر چىگرىسى شىمالى پاراللىل 40 گىرادۇس 55 مىنۇتىن 41 گىرادۇس 15 مىنۇتقىچە ،شەرقى مېردىېئان 84 گىرادۇس15 مىنۇت 85 گىرادۇس 30منۇتقىچەبۇلۇپ،بۇ، كەڭ دائىردە نىفىت،تەبىئى گاز ئىنتايىن مول، تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقى دائىرسىدىكى جەنۇبى بۈگۈر نىفىتلىكىنىڭ ئاياق قىسمى لوپنۇر ناھىتىسى تەۋەلىكىگەكىرىدۇ.بۇ جايلاردىكى نىفىت، تەبىئى گاز قېزىلسا لوپنۇر ناھىيىسىگە زور ئىقتىسادي قىممەت ياراتقۇسى.

لوپنۇر ناھىيىسى موھىم كان بايلىقلىرىغا ئىگە.لوپنۇرنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان 300 كېلومېتىر دائىردىكى قۇرۇق تاغ يايلاقلىرى تىۋىتلىق ئۆچكىنى تەرەققى قىلدۇردىغان موھىم بازا.بۇ جايدا ئالتۇن،كۈمۈش،مىس، كۆمۈر-تۆمۈر،قارا زۈلۈك تاش قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.بۇنىڭدىن زۈلۈك تاشنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، پۈتۈن مەمىلىكەتىكى زۈلۈك تاشنىڭ %92نى ئىگەللەيدۇ. شىڭدى تاغ رايۇنىدا تاتلىق سۇ مەنبەسى مول بۇلۇپ يىڭفەن بۇلاق، شېڭدى بۇلاق، ئۆتەڭ بۇلاق، قوربانچۇق بۇلاق، سۆگەت بۇلاق، تۆگە يېشىدىكى بۇلاق قاتارلىق يەر ئاستىدىن چىقىدىغان تاتلىق سۇلىرى بار .بۇنىڭدىن تۆت بۇلاقنى 33-34-35-تۈەن-مەيدانلار تۇربا ئارقىلق ئېقىتىپ ئىشلەتمەكتە. لوپنۇر كۆلى ئەتىراپىدىكى تۆمۈر يول پۈتۈپ قاتناش راۋان بولسا،شېڭدى تاغ رايۇنىڭ تەرەقىياتى تېخىمۇ تېز بولغۇسى.

لوپنۇر قەدىمى مەدەنىيەت مىراس باي .ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا-قوشاق ماكانى، خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى مول يۇرتلىرىمىزنىڭ بىرسى . ئون يىلدىن بۇيان، ئەدەبىي-سەنئەت خادىملىرىنىڭ تېرىشىشى ئارقىلىق لوپنۇر قوشاقلىرى، گۈلخان مەشىرىپى، قەدىمكى شىر ئۇسۇلى قاتارلىق ئاممىۋىي مەدەنىيىتىمىز كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ھەر مىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. لوپنۇر گۈلخان مەشىرىپىنى كۆرگەن مەمىلىكەت خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەت لوپنۇر قوشاقلىرىغا يوقىرى باھا بېرىپ ئۇنى يەرلىك مۇقاملار قامۇسىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى.

لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت باغچىسى، ئىكولوگىيە باغچىسى، سۇ ئۈستى باغچىسى، داشىلىقلار ئارامگاھى، توغراق ئائىلىسى ساياھەت باغچىسى قاتارلىق ساياھەت نوقتىلىرىدا ياز ۋاقتى مەمىلىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر مىللەت مىھمانلىرى ئۆمۈر چولپانلىرى بىلەن سىردىشىپ، لوپنۇرنى كۆرۈپ، چۈشىنىپ لوپنۇرغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرماقتا.

 
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器