对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەمىزنىڭ ”ئۇچۇر تېخنىكىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش“ پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.12.03    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      ”ئۇچۇر تېخنىكىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش“ قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوبلاستىمىزنىڭ يېزا ئىقتىساد ئۇچۇر تورىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسى، ناھىيەلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىرلىكتە تەشكىللىنىپ، 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ناھىيەمىزدىكى 5 يېزا بازارغا قارىتا ”ئۇچۇر تېخنىكىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش“ پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ ناھىيەمىزنىڭ 2007-يىلى ”ئۇچۇر تېخنىكىلارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش“ پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىپ 4-قېتىملىق تەربىيلەش كۇرسى ھېساپلىنىدۇ.

دەرس ئۆتۈلمەكتە

      بۇ قېتىمقى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئىشخانىسى، ناھىيەلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىكى ئىقتىدارلىق تايانچ كادىرلار ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، تەربىيلەش ئوبيېكتى يىراق مۇساپىلىق مائارىپ مەشغۇلات خادىملىرى، ئۇچۇر تېىنىكىسىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بولغان دېھقان-چارۋىچىلار شۇنداقلا ئىقتىساد بىرلەشمىسى تەشكىلىنىڭ مەسئۇللىرى، كەنت تەشكىلىي كادىرلىرى، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، بېيىشقا باشلامچىلىق قىلغۇچىلار، دېھقان ۋاستىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەربىيلەش مەزمۇنى بولسا كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى، خەنزۇچە خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى، ئىنتېرنېت بىلىملىرى، ئۇچۇر ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىقتىساد ئۇچۇر تورىنى ئىشلىتىش، يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش-تەلەپ ئۇچۇرلىرىنى توردا ئېلان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۇرسانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىنماقتا

      بۇ قېتىمقى تەربىيلەش كۇرسى ئارقىلىق، دېھقان-چارۋىچى ئامما ئاساسىي كومپيوتېر مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، توردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئېڭى ۋە قابىلىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器