23-قېتىملىق خەلقئارا پىدائىيلار كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى 16 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنى باشلاپ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، ”پىدائىيلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدايلى“ ئاساسىي تېما قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

پائالىيەتكە قاتناشقان پىدائىيلار
پىدائىيلار لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە مەزمۇنى مول رەڭگارەڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئېڭى كۈچىيىش بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى يەنىمۇ چۈشىنىپ، پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ ئۇيۇشچانلىقى كۈچىيىپ، پىدائىيلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى بېيىتىلدى.