لوپنۇرلۇقلار كەنتى دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى باھالاپ ئۆتكۈزىۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى
2010-يىلى ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە رەھبەرلىكى، ساياھەت ئىدارىسى بىلەن لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتى پائال قانات يايدۇرۇلدى. 2010-يىلىلا 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ چوڭ قوۋىقى، ساياھەتچىلەر مەركىزى ۋە تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك ھاجەتخانىسى سېلىنىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى ئۇيۇن قويۇش زالى، ھاياتلىق يولى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ئېچىلدى. مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مۇلازىمەت سۈپىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم زور ھەجىمدە ئاشتى. 2010-يىلى يىللىق ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش مىقدارىدا 100 مىڭ ئادەم قېتىمدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلىنىش مۆلچەرلەندى.
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ روڭشەن دۆلەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن، ناھىيەمىزگە كېلىپ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالدى.