ناھىيەمىزنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئوبلاستىمىزنىڭ 3-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالىشىنى كۈتىۋېلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ناھىيەلىك ئوبلاستىمىزنىڭ 3-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيەمىزدىكى قىسىمەن ئورۇنلارنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى لوپنۇر بازىرىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئارخىپ ماتېرىياللارنى تەكشۈردى
تەكشۈرۈشتە ئاساسلىق دوكلات ئاڭلاش، ئارخىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللۇنۇلۇپ، ئاساسلىقى ھەرقايسى ئىدارىلەرنىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ «لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاشنى يولغا قويۇش لاھىيەسىنى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لاھىيەسىنى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئىدارىلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى ھەمدە قېلىپلاشقان سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى.
ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىدارە-ئورۇنلاردىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيەمىزنىڭ 3-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى بويىچە تۈزىتىش ۋە رەتكە سېلىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈپ بېكىتىپ، تۈزىتىش ۋە رەتكە سېلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ناھىيەمىز ئۈچۈن ئىناق مەدەنىي تىل-يېزىق مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ 3-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى باھالاپ تەكشۈرىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشنى تەلەپ قىلدى.