对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى ناھىيەمىزنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.10.22    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى بىن، ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى فېڭلەن ناھىيەمىزنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى بولغان يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەپ ئۆزگەرتىش (يېڭىلاش) تۈرىنى تەكشۈردى ھەمدە سەھىيە، مائارىپ سېستىمىسىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش تۈرىگە مەسئۇل خادىملارنى چاقىرىپ يىغىن ئاچتى، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن يىغىنغا قاتناشتى.

      يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش تۈر مەبلىغى بىلەن باشقا تۈر مەبلەغلىرىنى باغلاپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە يەتكۈزۈلۈپ، سەھىيە، مائارىپ سېستىمىلىرىدىن يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى، ناھىيەلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن سۈپەت بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

      نۆۋەتتە، ناھىيەمىزنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش كۆلىمى 26 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، يىل بېشىدا ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 23 مىڭ كۋدرات مېتىرلىق ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器