对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
پارتىيەم
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.10.21    يوقلىنىش قېتىم سانى :

پارتىيەم

ساۋاتسىز ئىدۇق ساۋاتلىق بولدۇق،

ئاق-قارىنى گېزىتلەردىن بىلىۋالدۇق.

بۇرۇنلاردا كېسەك ئۆيدە ئولتۇرۇپ،

ئەمدىلىكتە ئاق ئۆيگە ئىگە بولدۇق.

 

ئەلگە ئاۋاتلىق بەرگەن پارتىيەم،

ئەلنىڭ غېمىنى يىگەن پارتىيەم.

ئاجىزلارغا ئۆي بېرىپ سىلاپ بېشىنى،

نامىڭ جاھانغا داستان پارتىيەم.

 

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بەكمۇ ياخشى ئىكەن،

ھېچ بولمىسا قىيىن ئىشلار ھەل بولىدىكەن.

ئوت قالاشتىن قۇتۇلۇپ بارلىق ئاياللار،

جاڭگاللاردا ئوتۇن ئىزدەپ يول يۈرمەيدىكەن.

 

سەنئەتچىلەر چالىدۇ،

دۇتتار بىلەن دېپىنى.

ئەستە مەھكەم ساقلايدۇ،

قورۇلتاينىڭ گېپىنى.

 

ئۇزۇنى يوق يوللارنىڭ،

جاھان كېزەر كارۋانغا.

پارتىيەمىز يەتكۈزدى،

بىزنى ئارزۇ-ئارمانغا.

 

ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغان،

ھەق-ناھەقتىن ئادالەتنى ياقلىغان.

ياخشى ئىشلەپ پاك ۋىجداننى ساقلىغان،

جاپا چەككەن رەھبەرلىرىمىز ياشىسۇن.

 

جەمئىيەتتە يۈزى بار،

ئۆتكۈر چاققان كۆزى بار.

شىرىن خىيال سۆزى بار،

رەھبەرلىرىمىز ياشىسۇن.

 

ياخشى بولغاچ ناھىيەمىز،

ئىشلىرىمىز ھەل بولدى.

ناھىيە بويىچە كەمبەغەللەرنىڭ،

ئۆي ئىشلىرى تەل بولدى.

 

روناق تاپسۇن ناھىيەمىز،

خەلقىم قوللاپ قۇۋەتلەپ.

ئىززەت تاپسۇن كىشىلەر،

رەھبەرلەرنى ھۆرمەتلەپ.

 

ئىلىم ئېرپان كانىدا،

ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭ ئامان جۈرۈن.

قېرىلارنى ھۆرمەتلەپ،

يۈز مىڭ ياشا ئامان جۈرۈن.

 

ئىجاد، ئەمگەك بابىدا ئەلگە شەرەپ كەلتۈرگەن ئامان جۈرۈن،

ئىلىم-ئېرپان ئىشقىدا گۈلخان بولۇپ يانغان ئامان جۈرۈن.

ئۆز ئەجرىڭگە جۈر ئىشىڭگە ھەشقاللا،

خالىس قىلغان ئىشلىرىڭىز بىزگە بەردى كۈچ-قۇۋەت ئامان جۈرۈن.

 

ئۆز ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن،

ئۆز خىزمىتىڭىزدىن تۆھپىلەر يارالسۇن.

ئامان جۈرۈن رازى بىز رازى،

كۆڭۈللەر شادلىققا تولسۇن.

 

يۇرتۇڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭ ئامان جۈرۈن،

ھۆرمەت قىلىپ چوڭلارنى.

يۆلەپ يولدا ھارغاننى،

شاپائەتنى سانىدىڭ دىلدا بۈيۈك ئارماننى.

 

غاقىلدىشىپ ئاسماندا،

قاتار-قاتار غاز كېلەر.

ليۇ فۇلىن شۇجىنىڭ شەنىگە،

يۈز مىڭ قوشاق ئاز كېلەر.

 

چۆل جەزىرىدە جاڭگالدا،

ئۆسەر يانتاق چاكاندا.

ليۇ فۇلىن شۇجى ياخشى رەھبەر،

ئاز تېپىلىدۇ جاھاندا.

 

ناھىيەمىزدە ئالتە قەۋەتنىڭ جازىسى،

تاملىرىدا تەشۋىقاتنىڭ بازىسى.

جاراڭلىدى دۇتتارىمنىڭ تارىسى،

ئەنە مەن شۇنداق ئاددىي ئايالمەن.

 

پارتىيە بىزگە بەردى كۈچ-قۇۋەت،

تەلەپ شۇ ھەممەيلەنگە مۆجىزە يارات.

ناھىيەمىز قازانغان شان شۆھرىتىنى،

پاك ئەجىرىڭ ئارقىلىق ئالەمگە تارات.

 

بېيىتىم رەھبەرلەرگە سوۋغىتىم بولسۇن،

قۇبۇل ئەت كۆڭۈللەر شادلىققا تولسۇن.

ئەجىرىڭدە ئەل ۋەتەن شادلىققا تولسۇن،

ھەر باسقان ئىزىڭدىن قىزىل گۈل ئۈنسۇن.

 

پارتىيەم نامىڭغا داستانلار،

پارتىيەم نامىڭغا بېيىتلەر يازاي.

ئوخشايدۇ ناھىيەمىز جۇڭخۇا گۈلىگە،

قەلبىمدىن سۆيۈنۈپ ئاپرىن ئېيتاي.

 

بايرام خۇشال يايرايدۇ،

قەلبى كۈيى ناغرىدىن.

رەھبەرلەرگە سالىمىم،

يۈرىكىمنىڭ قېتىدىن.

 

گۈزەل قىلغان ئادەمنى،

قەلبى بىلەن كىيىملەر.

خاتا جايلىرى بولسىمۇ،

ھەرگىز مازاق ئەتمەڭلار.

 

يەتكۈزۈلدى ئەجەپ ياخشى ئىللىقلىق،

ھاياجانغا تولدى مىسكىن يۈرەكلەر.

بۇ جاھاندا بولغاچ ئادىل سىياسەت،

مۇرادىغا يېتىپ ئارزۇ تىلەكلەر.

 

ئىتتىپاقلىشايلى دوستلىرىم،

ۋاقىت ھەممىدىن قىممەت.

يوقسىزلارنى يۆلىگەن،

پارتىيەگە مىڭ رەخمەت.

[

مەن سىزگە سوۋغا ئەپكەلدىم،

كۆپلەپ بېيىتنى تەييارلاپ كەلدىم.

مېنىڭ تەييارلىقىم مۇشۇ يەرگىچە،

قالغانلىرىنى دىلدا ئەپكەلدىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器