
ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىگە قاتناشتى
10-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەلىبداشلار مەيدانىدا ”دۆلەت بايرىمى“ نى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ناھىيەلىك تۆت چوڭ ئورگان، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا بازارلار، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق تارماق (ئورۇن) لاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە زاتلار بولۇپ 8000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىگە قاتنىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت بايراق چىقىرىش مۇراسىمىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.

بايراق قوغدىغۇچىلار ئەترىتى دۆلەت بايرىقىنى قوغداپ مەيدانغا كىردى

كۆركەم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

”دۆلەت بايرىمى“ نى كۈتىۋېلىش دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى مەيدانى
چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دە، قەلىبداشلار مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى رەسمىي باشلىنىپ، كۆركەم بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ئاستىدا ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى
ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن ناھىيەدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىغا بايراملىق سالام يوللىدى ھەمدە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىمۇ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرىۋاتقان ھەرقايسى سەپلەردىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە ناھىيەدىكى يۇقىرى-تۆۋەننىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ناھىيەمىز تارىختىكى تەرەققىيات ئەڭ تېز، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان 96 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرىلىشىنى بېكىتىپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمان قىلدى.
ليۇ فۇلىن شۇجى ناھىيەدىكى ھەرمىللەت كادىر ۋە ئاممىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇرچىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېت ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، لوپنۇرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى ھەمدە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى ۋە لوپنۇرنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

پىئونېرلار بېغىشلىما سۆز قىلدى


”دۆلەت بايرىمى“ نى كۈتىۋېلىش دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى مەيدانى