对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەمىزدە ئىلغارلىق بەرپا قىلىپ ئەلالىق تالىشىش ۋە ”ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى“ مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.09.30    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ناھىيەمىزدە ئىلغارلىق بەرپا قىلىپ ئەلالىق تالىشىش ۋە ”ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى“ ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

دۆلەت بايرىمىلىق مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى مەيدانى

      9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىلغارلىق بەرپا قىلىپ ئەلالىق تالىشىش ۋە ”ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى“ ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق مەخسۇس مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى قەلىبداشلار مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرمىللەت ئاممىسى بىرلىكتە ئۇيۇن كۆردى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن تەبرىك سۆزى قىلدى

      ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن تەبرىك سۆزى قىلىپ، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن ناھىيەدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن بايراملىق ھال سورىدى.

ئۇسسۇل «جۇڭگو ئانىسى»

ئۇسسۇل «يۈرەكتىكى ئوت»

ئۇسسۇل «لوپنۇر مېنىڭ ئۆيۈم»

نومۇر «ئامان ئولتۇراق ئۆي ئالدىدىكى خۇشاللىق ساداسى»

نومۇر «پارتىيىنىڭ سىياسىتى ياخشى»

خور «بىر ئائىلە كىشىلىرى»

      ئارتىسلار ئېسىل نومۇرلىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 61 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەيداندىكى ھەرمىللەت كادىر ۋە ئامما قىزغىن، يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە بايراملىق تەنتەنىسىگە چۆمۈپ ئۇيۇنلاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى تەقدىرلىدى

      «بىر ئائىلە كىشىلىرى» خورى تۈگىشى بىلەن ناھىيە رەھبەرلىرى سەھنىگە چىقىپ ئارتىسلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ناھىيە رەھبەرلىرى ئارتىسلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器