9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئوبلاستىمىزدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيىلىك تېلېفون يىغىنى ئېچىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى دۇ بېيۋېي، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مەردان مۇقىيىت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ليۇ كېۋىن، مۇئاۋىن ھاكىم يى پىڭچۈەن، ياسىن ھاجى، ۋاڭ بو قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە يېزا بازار، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئەزا ئورۇن، كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ناھىيەمىزنىڭ تارماق يىغىن مەيدانى
ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ناھىيەمىز تېزلىكتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ليۇ كېۋىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇئاۋىن ھاكىم يى پىڭچۈەن نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا يول قاتنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرگە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يېزا بازار، تارماق، ئورۇنلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلى ۋە تۆتىنچى پەسىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

ناھىيەمىزدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت خۇلاسە سۆزى داۋامىدا يېزا بازار، تارماق، ئورۇنلاردىن ناھىيەمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بېسىمىنىڭ ئاساسلىق تۆتىنچى پەسىللىك پاختا تېرىش مەزگىلىگە مەركەزلىشىشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق تونۇپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت پىكىر يولى، تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەشكە ۋە مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، بايرام ئالدىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرىشى قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، يول قاتنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ساياھەت، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋە نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پەۋقۇلاددە چوڭ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بايرامنى خۇشال-خورام، ياخشى ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.