8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزىۋېلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېينىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھىيەمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى.

خىزمەت دوكلاتى بېرىش يىغىن مەيدانى
ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالدى بىلەن ناھىيەمىزنىڭ بەرپا قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن ئومۇمىي دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىشىت مىيىن، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ قاتارلىق ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە يېزا بازار، تارماق، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 120 دىن ئارتۇق ئادەم دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىندا، تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزىۋېلىش گۇرۇپپىسى «مەدەنىيەت باھار شامىلى لوپنۇرنى ئىللىتتى» دېگەن مەخسۇس فىلىمنى كۆردى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ناھىيەمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ شىنتيەن ناھىيەمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بەرپا قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن مۇھىم سۆز قىلدى
ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەمىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى، 2006-يىلدىن باشلاپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك 100 گە يېقىن نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى ناھىيە خەلقىگە ئوچۇق ئاشكارا ۋەدە قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ناھىيەدىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، ئىچىملىك سۇ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىيىنچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ، ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىپ، ناھىيە خەلقىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. ناھىيەدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ناھىيەمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى. ئىقتىساتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈش ئاساسىدا ناھىيەمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى. بۇيىل ناھىيەمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويماقچى بولغان 19 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويىشى مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان نامايەندىسىدۇر. مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ناھىيە خەلقىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى، پەن ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەڭ كادىر ۋە ئاممىنىڭ لوپنۇرنى قىزغىن سۆيۈش، لوپنۇرنى قۇرۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ئەقلىي قوللاش، ئىدىيە كاپالىتى ۋە روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىن ئەتتى. ھازىرغا قەدەر ناھىيەمىز 47 تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. بەرپا قىلىش داۋامىدا ناھىيەمىز بەرپا قىلىش داۋامىدا تەشكىلىي رەھبەرلىكنى پائال ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، پائالىيەت ۋاستىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ياخشى بولغان بەرپا قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھىت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، بەرپا قىلىش خىزمەت ئاساسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى بەرپا قىلىش نەتىجىسىدىن نەپكە ئېرىشتۈردى. ”ھەر ئايدا بىر تېما“ مەدەنىيەت بەرپا قىلىش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەتلىك ئادەم بولۇش، مەدەنىيەتلىك ئىش بىجىرىش، بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، لوپنۇرنىڭ ئىناق مەدەنىيەتلىك داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى داشى كەنتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

ياش ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنىڭ قىرائەتخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، ناھىيەمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ماددىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بولۇپمۇ قانات يايدۇرىلىۋاتقان ئۆزگىچىلىككە ئىگە ”ھەر ئايدا بىر تېما“ پائالىيىتىنى ئالاھىدە تەرىپلىدى.