对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيەسىدە ئوقۇتۇش مۇكاپات فوندى تەسىس قىلىندى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.08.17    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      ساپا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ناھىيەمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلدىن باشلاپ ئوقۇتۇش مۇكاپات فوندى“ نى ناھىيە مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ھەريىلى 100 مىڭ يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ مائارىپ ئوقۇتۇشىدا ئىلغار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن  بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.

      ئىگەللىنىشچە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ” ئوقۇتۇش مۇكاپات فوندى“ دا جەمئىي بەش باسقۇچ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بالىلار باغچىسى باسقۇچى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى، كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى باسقۇچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن ئىبارەت. بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش مۇكاپات فوندى مەكتەپتىكى ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى رەھبەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. نۆۋەتتە، ناھىيەمىزنىڭ ئوقۇتۇش مۇكاپات فوندىنىڭ ئومۇمىي تەقسىمات لايىھەسى ھەربىر باسقۇچتىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ۋەزىپىسى، نىشان ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە تۈزۈپ بولۇندى، مەكتەپلەر ئومۇمىي تەقسىمات لايىھەسى بويىچە مۇناسىپ بولغان تەقسىمات تەپسىلىي قائىدىلىرىنى بېكىتىدىغان بولۇپ، مۆلچەرىمىزچە 2009-2010-يىللىق مۇكاپات فوندى 9-ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئەمىللىشىدۇ.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ”ئىككى ئاساسەن“ بويىچە ”دۆلەت تەكشۈرۈش“ نى كۈتىۋېلىش خىزمىتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، مائارىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ۋە مائارىپقا بولغان سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرنى ئەسلىدىكى 35 تىن 9 غا يىغىنچاقلىدى، 160 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ توپلاپ ۋە قولغا كەلتۈرۈپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىنىپ سەپلىنىپ، ئۇل مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن قېلىپلىشىپ ۋە ئۆلچەملىشىپ، ھەرمىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ ئەلا مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرالايدىغان بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器