对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى دىنىي زاتلار ئارىسىدا «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى كۇرسى ئۇيۇشتۇردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.08.14    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى، ناھىيەمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش يىغىن زالىدا دىنىي زاتلار ئارىسىدا «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى كۇرسى ئۇيۇشتۇردى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئەخمەت قادىر، ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مىللەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، يېزا، بازارلارنىڭ بىرلىك سەپ، دىن ئىشلىرى خادىملىرى، دىنىي زاتلار، مەسچىت باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە دىنغا ئېتقاد قىلغۇچى ئامما بولۇپ 76 ئادەم كۇرسقا قاتناشتى.

      ئۆگىنىش كۇرسى داۋامىدا كۇرسانتلارغا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نىزامى» تەشۋىق ۋاراقچىسىدىن 70 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى. كۇرسقا ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەرشىدىن رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇرس باشلىنىشتىن بۇرۇن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئەخمەت قادىر روزا مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاخىرىدا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ كادىرى پاتىگۈل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن لىكسىيە سۆزلىدى.

      دىنىي زاتلار ئارىسىدا «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتى كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە بەس-بەستە: بۇ قېتىمقى تەربىيە پائالىيىتى ناھايىتىمۇ دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئەھمىيىتى زور. بىز بارلىق دىنغا ئېتقاد قىلغۇچى ئاممىغا «ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دىنغا ئېتقاد قىلغۇچى ئاممىنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمىز دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشتى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器