对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەمىزدە ساياھەت بىخەتەرلىك تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.08.14    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      يېقىندا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرىشى، چوڭ تەرتىپكە سېلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە يىل بېشىدىكى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن ئىمزالاشقان «ساياھەت بىخەتەرلىكى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى» دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى باش بولۇپ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، سەھىيە ئىدارىسى ۋە قاتناش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ناھىيەدىكى 9 ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى، مەنزىرە ئارامگاھلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

ناھىيەمىزدە ساياھەت بىخەتەرلىك تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرىلدى

يورۇتۇش چىراقلىرى تەكشۈرۈلدى

ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى تەكشۈرۈلدى

      تەكشۈرۈش خىزمىتى چوڭقۇر ئىنچىكە ئېلىپ بېرىلىپ، تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەر بولۇپمۇ بىرقەدەر گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئۆزگەرتىشنامە چۈشۈرۈپ، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلدى.

      بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ساياھەت بىخەتەرلىكىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىلىپ، ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ساياھەت ئىدارىسى «2010-يىللىق ساياھەت كەسىپلىرىگە قارىتا ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك چوڭ تەكشۈرىشى، چوڭ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ ھەم تارقىتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ پۈتۈن يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس تىكلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器