对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيە رەھبەرلىرى يېزا تاشيول قۇرۇلىشىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.08.13    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن گۈلباغ يېزىسى، قاتناش تارمىقى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يېزا تاشيولى قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

قۇرۇلۇش ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلدى

      ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يېزا تاشيولى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇ قۇرۇلۇش ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل يولغا قويۇشنى ۋەدە قىلغان نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن 2010-يىلدىكى نۇقتىلىق يېزا تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن، يول 3-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 12.3 كىلومېتىر، ئىككى غول لىنىيە ۋە ئۈچ تارماق لىنىيىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، جەمئىي 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. قۇرۇلۇش 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، 10 كىلومېتىر يولنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى تاماملاندى، چوڭ-كىچىك سۈڭگۈچتىن 60 دانە كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ 52 دانىسى تاماملاندى، يولنىڭ ياسىلىپ چىقىشى شەھەر يېزا ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرلەش قەدىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يوللىرىنى تورلاشتۇرۇشنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى، دەرىجىسى ۋە تۇتاشتۇرۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يول ياقىسىدىكى 250 نىڭ دېھقان-چارۋىچىنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ.

      تەكشۈرۈش داۋامىدا، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن ئالاقىدار يېزا، بازار، قاتناش تارماقلىرى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ۋە قوللاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىدىن تولۇق چىقىش قىلىپ، يول ياقىسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپتىن يول قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرىشىنى كۈچەيتىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاشنى تەلەپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器