8-ئاينىڭ 11-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، لوپنۇر ناھىيەلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت مەركىزى ئۈستىگە ئالغان ”ئۈمىدلەرنى قانات قاققۇزۇپ خوشال-خورام ئۆسۈپ يېتىلەيلى“ تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەت قادىر، مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بو، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنرۇڭ، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ئەمەت، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئىتتىپاق كومىتېتى، پەن-تېخنىكا بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ھەمدە ئائىلە باشلىقلىرى، كۇرسانتلار بولۇپ مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ئۇيۇن كۆردى.

لوپنۇر ناھىيەلىك ياش ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت مەركىزىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات سەنئەت كېچىلىكى

موڭغۇلچە ئۇسسۇل-«يايلاقتا باھار»

بالىلار ئۇيۇنى

كوچا ئۇسسۇلى

پەن-تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى