对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسلىكى بولۇپ باھالاندى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.08.12    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەلىك مائارىپ سېستىمىسى 12 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسى“ ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لوپنۇر ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ يوللىغان ”56 مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى“ ئاساسىي تېما قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ، شىنجاڭ تەۋەسىدە ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسلىكى قاتارىدا كېڭەيتىلمەكچى.

      مەلۇماتلارغا قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن «لوپنۇر ناھىيەلىك مائارىپ سېستىمىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيىسى پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى، ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى دەرسلىكلىرىنى ئەتراپلىق، تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرسخانىنىڭ ئاساسىي قاناللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. نۆۋەتتە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ”قوشماق“ تىن 488 جۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ”قولنى قولغا تۇتۇشۇش“ قوشماقتىن 3704 جۈپ، يىللىقلار ئارا قوشماقتىن 114 جۈپ، باشقا شەكىلدىكى قوشماقتىن 23 جۈپ بار.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器