8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلار دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى، ناھىيەمىزدىن سانجى ئوبلاستىغا بېرىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلار جاي يۆتكۈلۈپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ناھىيەدىكى يېزا، بازار، تارماق ئورۇنلاردىن 100 دىن كادىر دوكلات ئاڭلىدى.
لوپنۇر ناھىيەسىدە جاي يۆتكۈلۈپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلارنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
جاي يۆتكۈلۈپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلار جاي يۆتكۈلۈپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى
دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئىككى نەپەر جاي يۆتكۈلۈپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىر خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىدىيىۋى تەسىرات قاتارلىق بىرقانچە تەرەپتىكى ئەھۋاللاردىن دوكلات بەردى ھەمدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان ئورۇننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش داۋامىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى شۇنداقلا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان كادىرلارنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى نامايەندە قىلدى، دوكلات ئاڭلىغان ھەرمىللەت كادىرلىرى بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيىۋى تەربىيىگە ئىگە بولۇپ، ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.