8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئوبلاستلىق سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لامۇجافۇ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ناھىيەمىزنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ، مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بو، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ئەمەت قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى ھەمدە دۆلەت زېمىن بايلىق ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

تۆمۈر رۇدىسى قېزىش نۇقتىسى كۆزدىن كەچۈرۈلدى

زۈلۈك تاش كانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى كۆزدىن كەچۈرۈلدى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى لوپنۇر ناھىيە بازىرىدىن 120 كىلومېتىر كېلىدىغان شىڭدى كان ئېچىش نۇقتىسىغا بېرىپ، شىنلوڭ زۈلۈك تاش (شىنجاڭ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چىگەنبۇلاق زۈلۈك تاش كانى، لوپنۇر تيەنچېڭ كان ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاقبۇلاق تۆمۈر كانى، شىنجاڭ يوڭخېڭ كانچىلىق پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كان بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېچىش ئەھۋالى ۋە كان شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بونىڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئېچىپ پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

سۆھبەت يىغىنى مەيدانى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى سۆھبەت داۋامىدا كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، مۇئاۋىن رەئىس لامۇجافۇ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش داۋامىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ۋە بايقىغان مەسىلىلەرنى ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆز ۋاقتىدا، ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.