对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيەلىك خوۋدې مېھمانسارىيىنىڭ ”ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى“ ئالتۇن داشى ئارامگاھىنىڭ ”ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى“ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.17    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خوۋدې مېھمانسارىيىدا لوپنۇر ناھىيەلىك خوۋدې مېھمانسارىيىنىڭ ”ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى“ ئالتۇن داشى ئارامگاھىنىڭ ”ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى“ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئاۋ يوتو، ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گاڭ شىنچۈن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنروڭ، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ئەمەت قاتارلىق رەھبەرلەر مۇراسىمغا قاتناشتى، مۇراسىمغا مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى مەيدانى

ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئاۋ يوتو بىلەن خوۋدې مېھمانسارىيىنىڭ باش دىرېكتورى لى دې خوۋدې مېھمانسارىيىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن ئالتۇن داشى ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى روزى مەڭلىك بىلەن ئالتۇن داشى ئارامگاھىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

      خوۋدې مېھمانسارىيى ناھىيەمىز تىنىچلىق يولى ۋە ئىتتىپاق ئوتتۇرا يولى تۆت كوچا ئېغىزىدىكى ياخشى ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، مۇلازىمەت كۈتىۋېلىش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تىجارەت باشقۇرىشى قېلىپلاشقان، جەمئىي 75 يۈرۈش كۆپ خىل تۈردىكى مېھمانخانىسى، 200 گە يېقىن كارۋىتى بولغان ياتاق، تاماق، سودا بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مېھمانساراي. ئالتۇن داشى ئارامگاھى ناھىيەمىزنىڭ شىڭ پىڭ يېزا داشى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگەللىگەن يەر مەيدانى 60 مو، بۇنىڭ ئىچىدە نەشپۈتلۈك باغ 25 مو، كېۋەز، كۆممىقوناق ۋە كۆكتاتلىق يەر 35 مو. روزى مەڭلىك بۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيلۈك يېرى، بېغى ۋە دېھقانچىلىق ئېتىز-ئېرىق مەبلىغىدىن 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق كېڭەيتىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بىر قېتىمدا 150 تىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالالايدۇ.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيەمىز ساياھەتچىلىكى  ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پائال ماسلىشىپ، ساياھەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ”ماركىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن، ئۆزگىچىلىككە ئىگە“ بولغان ساياھەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ياراتتى. بۇ قېتىم خوۋدې مېھمانسارىيى ۋە ئالتۇن داشى ئارامگاھىنىڭ ” دۆلەتلىك ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارىيى“، ”ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى“ بولۇپ باھالانغانلىقى ناھىيەمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كۈتىۋېلىش سەۋىيىسىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器