7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت داشى كەنتىنىڭ 28-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتىدىكى ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرغان، ئېككى قېتىملىق جاۋاب خەتنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغان نەمۇنىلىك ئىلغار شەخىسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى

شىڭ پىڭ يېزا داشى كەنتىدە 2010-يىللىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى ”سىياسەت ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، كوللىكتىپ يۆلەش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش“ نى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كەنتنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، خەلق ئىشلىرى، پىلانلىق تۇغۇت، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق 8 تەرەپكە چېتىلىدىغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاراۋانلىق تىپىدىكى يۆلەشنى ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇش تىپىدىكى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئۆرگەرتتى. 2006-يىلدىن بۈگۈنگىچە، داشى كەنتىدە جەمئىي 2 مىليون 710 مىڭ يۈەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى، 2009-يىلى داشى كەنتىنىڭ كوللىكتىپ ئومۇمىي مۈلكى 18 مىليون 800 مىڭ يۈنگە، كوللىكتىپنىڭ كۆچمە مۈلكى 4 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە، كەنت ئومۇمىي كىرىمى 37 مىليون 890 مىڭ يۈەنگە، كوللىكتىپ ئىقتىسادىي ساپ كىرىمى 1 مىليون 80 مىڭ يۈەنگە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 12182.75 يۈەنگە يەتتى. كەنتتە 7550 مو كېۋەز تېرىلغۇ يەر، 4260 مو مېۋىلىك باغ، 168 كالا، قوي بورداق ئائىلىسى، 2-، 3-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دېھقان ئائىلىسىدىن 228 ئائىلە 690 ئادەم بار بولۇپ، 17 ساھەگە چېتىلىدۇ.

ليۇ فۇلىن شۇجى داشى كەنت ئەزالىرىغا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت مەبلىغى تارقىتىپ بەردى

ليۇ فۇلىن شۇجى داشى كەنتىگە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى
ليۇ فۇلىن شۇجى نەقلەشتۈرۈش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: داشى كەنتى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، 17 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى نەقلەشتۈرۈش يىغىنى چاقىرىپ، 750 مىڭ يۈەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇكاپات مەبلىغىنى تارقاتتى، بۇ كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسىنىڭ باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ ئىككى قېتىملىق جاۋاب خېتىنىڭ روھىنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتتىكى پۈتۈن ئاممىنى يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن تىرىشقانلىقى ۋە جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى. داشى كەنتتىكى يۇرتداشلارنىڭ بۇ ئاسانغا قولغا كەلمىگەن تەرەققىيات نەتىجىسىنى ئوبدان قەدىرلەپ، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ”ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش“ پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا جەمئىيەت ئاندىن ئالغا باسىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئاخىرىدا ليۇ فۇلىن شۇجى داشى كەنتىدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، تۇرمۇشىنىڭ يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.