对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
خېبېي ئۆلكىلىك خېڭشۈي، چېڭدى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ناھىيىمىزگە كېلىپ، قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.10    يوقلىنىش قېتىم سانى :

مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرتكىسىدە، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، خېبېي ئۆلكىلىك خېڭشۈي، چېڭدى شەھىرى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ناھىيەمىزگە كېلىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە تۈر باغلاش خىزمىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، چېڭدى شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ گۇجاڭ، خېڭشۈي شەھىرىنىڭ باشلىقى گاۋ خوڭجى ئايرىم ئۆمەك تەشكىللەپ، ئىككى شەھەرنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات، مالىيە، قۇرۇلۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن 18 كىشىنى باشلاپ، ناھىيەمىزگە كېلىپ، قۇرۇلۇشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيا چۈنلىڭ، ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتېتى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ فېڭ، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن قاتارلىق ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

خېبېي ئۆلكىلىك خېڭشۈي، چېڭدى شەھىرى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى لوپنۇر ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى

چېڭدى شەھىرى ناھىيەمىزگە 100 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى بەردى

خېڭشۈي شەھىرى ناھىيەمىزگە 100 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى بەردى

چېڭدى شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ گۇجاڭ، خېڭشۈي شەھىرىنىڭ باشلىقى گاۋ خوڭجى ئىككى شەھەرنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈردى

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      سۆھبەت يىغىنىغا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن رىياسەتچىلىك قىلدى، خېڭشۈي، چېڭدى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەر، ئوبلاست رەھبەرلىرى، ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ياردەمنى قۇبۇل قىلىش خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە يېزا بازارلىق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بولۇپ 70 تىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. ئاساسلىق مېھمان بولغۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، يولداش جاڭ گۇجاڭ ۋە گاۋ خوڭجى چېڭدى، خېڭشۈي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 مىڭ يۈەندىن ھال سوراش پۇلى بېرىپ، لوپنۇر خەلقىگە بولغان سەمىمىي سالىمىنى ئىپادىلىدى. ئاندىن كېيىن «يۈكسېلىۋاتقان لوپنۇر» مەخسۇس فىلىمى قويۇلۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ناھىيەمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى، شەھەر بازار پىلانىنى تۈزۈش، يېزا بازار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ياردەم قىلىنغان تۈرلەرنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى يىنخۇا مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن ناھىيەلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈر پىلانىنى تونۇشتۇردى

      سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خېڭشۈي، چېڭدى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى يىنخۇا مەھەللىسى، 10-نومۇرلۇق كاپالەت تۇرالغۇ رايونى، ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ، ناھىيەلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى، 4-نومۇرلۇق مەھەللە قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇپ بولغان ۋە ياردەم قىلىنغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器