7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مالەن بازىسى ئارقا سەپ بۆلۈمى پارتىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن لوپنۇر ناھىيەسى سەھىيە سېستىمىسىغا 50 مىللىئامپېرلىق ئېكس نۇر داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ فېڭ، مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بو ئىئانە پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مالەن بازىسى ئارقا سەپ بۆلۈمى لوپنۇر ناھىيەسى سەھىيە سېستىمىسىغا داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئىئانە قىلدى

مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بو لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن مالەن بازىسى ئارقا سەپ بۆلۈمىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى
ئىئانە پائالىيىتىدىن كېيىن، مۇئاۋىن ھاكىم ۋااڭ بو لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن مالەن بازىسى ئارقا سەپ بۆلۈمىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ناھىيەمىزنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم قىلغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالەن بازىسى ئارقا سەپ بۆلۈمى ۋە لوپنۇر ناھىيەسى كۆپ خىل شەكىلدىكى ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئارمىيە خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئارمىيە خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قېتىم داۋالاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىئانە قىلىنىشى خەلق ئارمىيىسىنىڭ خەلق بىلەن رىشتە باغلاشتەك يۈكسەك ھېسىياتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەندە قىلغان بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسى خەلقىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى شۇنداقلا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى نامايەندە قىلدى.
ناھىيە رەھبەرلىرى ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ۋە بازا بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالاقىنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۆزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئارمىيە بازا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.