对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققان خادىملار ۋە بىر قىسىم ئەزالارنى تەشكىللەپ، كورلا-لوپنۇر سانائات باغچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.08    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپنۇر ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش 45 نەپەر دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققان خادىملار ۋە بىر قىسىم ئەزالارنى تەشكىللەپ، كورلا-لوپنۇر سانائات باغچا رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. خادىملار سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (كورلا) تارماق شىركىتى، جېجياڭ نېفىت تۇرۇببىسى ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ فۇلىدا (شىنجاڭ) تارماق شىركىتى، لياۋ ياڭ رۈيشىڭ خىمىيە سانائىتى گورۇھىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى شىركىتى قاتارلىق باغچىلاشقان كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە باغچىلاشقان رايون باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سانائەت باغچا رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىدى.

 

كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (كورلا) تارماق شىركىتى مەسئۇل خادىمىنىڭ كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرىشىنى ئاڭلىدى

كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ شىخو پىۋىسى (كورلا) تارماق شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى

كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسى نېفىت تۇرۇببىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

      كۆپچىللىك بىرلىكتە كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كورلا-لوپنۇر پارتكومىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، باغچىلاشقان رايون باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، باغچىلاشقان رايون قۇرۇلۇشى باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ دەپ قارىدى ھەمدە باغچىلاشقان رايوننىڭ يول، كۆكەرتىش، كۆركەملەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرلۇشى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، باغچىلاشقان رايون تەرەققىياتىدا ساقلانغان بىر قىسىم مەسىلىلەرگە قارىتا، باغچىلاشقان رايوننىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇش رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش، باغچىلاشقان رايون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، باغچىلاشقان رايون كارخانىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器