对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەمىزدە ئاياللار بالىلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.08    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ناھىيەمىزدە ئاياللار بالىلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ليۇمېي، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنروڭ، مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن رىياسەتچىلىك قىلدى. ناھىيەلىك ئاياللار بالىلار خىزمەت كومىتېتىغا ئەزا 31 ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىلاشقۇچى خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى

ئاياللار بالىلار خىزمىتى يىغىنى مەيدانى

      يىغىندا ناھىيەمىزنىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئانا بالىلار خىزمىتى ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، ئانا بالىلار تەرەققىيات پىلانىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىككى يىللىق ”ئىككى پىلان“ نى مۇستەھكەملەش باسقۇچىنىڭ تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى. يىغىننىڭ مەقسىتى بولسا نىشان ۋەزىپىلەرنى ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ناھىيەمىزنىڭ ئانا بالىلار ئىشلىرىنىڭ ساغلام سىجىل تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلان، نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇھىم سۆز قىلىدى

      يىغىندا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ليۇمېي ناھىيەمىزنىڭ ئانا بالىلار خىزمىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر ناھىيەمىزنىڭ ئانا بالىلار خىزمىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ناھىيەمىزنىڭ ئانا بالىلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: 2010-يىلى ”ئىككى پىلان“ نى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇستەھكەملەش باسقۇچى، ئالاقىدار تارماقلار پىلاندىكى نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئانا بالىلار تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ھۆكۈمەت فونكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش؛ نىشانلىق باھالاش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئۆلچەمگە يېتىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، تارماقلارغا چېتىشلىق كۆرسەتمىلەردە ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىن نۇقتا كۆرسەتكۈچلىرىدە نۇقتىلىق بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ۋاقىت جەدىۋىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىككى يىللىق نۇقتىلىق ۋە قىيىن نۇقتا كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش لايىھىسىنى بېكىتىش؛ ھازىرقى باسقۇچتىكى ”ئىككى پىلان“ نى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش  بىلەن بىرگە، كېيىنكى ئون يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى ئالدىن پىلانلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساسىي تېمىنى ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق ۋە مەشخۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器