7-ئاينىڭ 6-كۈنى، دۆلەتلىك مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەسئۇل مەمۇرىي مۇپەتتىش ئىشخانىسى 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىگو تەپتىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئوبلاستىكى ئالاقىدار تارماقلار رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيەمىزگە كېلىپ، ناھىيەمىزنىڭ يېزا مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش“ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىش خىزمەت ئەھۋالى، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ليۇ كېۋىن، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى ليۇمېي ۋە ناھىيەلىك مالىيە، مائارىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

دوكلات بېرىش يىغىن مەيدانى
دۆلەتلىك مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەسئۇل مەمۇرىي مۇپەتتىش ئىشخانىسى 2-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىگو تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە قارىتا كېلىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈردى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: يېزا مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش“ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت، يېزا مەجبۇرىي مائارىپى راسخوت كاپالەت مېخانىزم ئىسلاھات سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغداش، يېزا مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، يېزا ئىجتىمائىيسىنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن يېزا مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش“ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى
تەپتىش گۇرۇپپىسى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىننىڭ يېزا مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش“ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ناھىيەمىزنىڭ مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ”توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش“ قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىشكە ئائىت سىياسىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەرزدارلىققا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، قەرزدارلىق زىددىيىتىنى پەسەيتىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ناھىيەمىزنىڭ يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.
2006-يىلدىن بۇيان، ناھىيىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مائارىپ، سەھىيە، كورلىدىن لوپنۇرغا ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈش، يېزا يولى، كالاپەت تۇرالغۇ ئۆيى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق 96 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى، يېزا بازارلىق مەكتەپلەر ۋە ئىقتىدار ئۆيلىرى قاتارلىق بىرقاتار مائارىپ قۇرۇلۇشىلىرى يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلىپ، مەكتەپ 35 تىن 9 غا يىغىنچاقلاندى، ”قوش تىل“ ئوقۇتۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، مىللىي خەنزۇ مائارىپىنىڭ سۈپىتى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مائارىپ ئىشلىرى ساغلام، سىجىل تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.