对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چى چوڭچىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.05    يوقلىنىش قېتىم سانى :

      7-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چى چوڭچىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن تۇرسۇن، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ دوڭبىن ۋە ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيىمىزگە كېلىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا بولدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن، مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتىۋالدى ھەمدە لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي دوكلات قىلدى.

لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى كۆردى

      چى چوڭچىڭ شۇجى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە يېڭىدىن سېلىنغان چوڭ دەرۋازىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى ۋە ساياھەت ھاجەتخانىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە يېڭىدىن سېلىنغان ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلىشىغا قارىتا مۇنداق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى: لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى 2010-يىل ساياھەت ھاجەتخانىسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلمىغان ئەھۋالدا بىرىنچى بولۇپ ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ھاجەتخانىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان مەنزىرە رايونىدۇر، شۇڭا قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مۇلازىمەت دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.

چى چوڭچىڭ شۇجى ئوبلاست، ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن سېلىنغان چوڭ دەرۋازا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

      كەينىدىن چى چوڭچىڭ شۇجى 2010-يىلى يېڭىدىن سېلىنغان ھاياتلىق سۇپىسى، ئويۇن سەھنىسى، قۇملۇق ئۆتىڭى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئۈمىد باغلىدى. 

تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش داۋامىدا چى چوڭچىڭ شۇجى لوپنۇرنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي قۇملۇق، توغراق مەنزىرىسى بار، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ساياھەت تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، يېتەكچىلىك ھەم ياردەم قىلىشى ئاستىدا، چوقۇم شىنجاڭ شۇنداقلا دۆلەت بويىچە ئېسىل ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器