对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن تارىم دەرياسىنىڭ سۇ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.02    يوقلىنىش قېتىم سانى :

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بورھان توختى، مۇئاۋىن ھاكىم ياسىن ھاجى قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى سۇ ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، تارىم دەرياسى سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ليۇ فۇلىن شۇجى تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى

      يېقىنقى مەزگىلدە، جەنۇبىي شىنجاڭ تاغلىق رايونىدىكى قارلارنىڭ ئېرىشى ۋە قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەنكى ئېقىنى لوپنۇر ناھىيىسى چىگرىسى ئىچىگە كەلكۈن كېلىپ، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە سۇ كەلمەي قۇرۇپ كەتكەن ئېقىنلار سۇ بىلەن توشۇپ، تارىم دەرياسى سۇغىرىش رايونىنىڭ قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىدى، شۇنداقلا ناھىيەمىز تارىم دەرياسى سۇغىرىش رايونىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە پۇختا ئاساس تىكلەندى.

ليۇ فۇلىن شۇجى تارىم سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

      ليۇ فۇلىن شۇجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، سۇ ئىشلىرى تارمىقى دۆڭقوتان يېزىسى، قارچۇغا يېزىسى بىلەن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى؛ تارىم دەرياسىغا كەلگەن سۇدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، راۋان بولۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئوتلاق، توغراقلارنى سۇغىرىپ، كېلەر يىللىق يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس تىكلەش، ھەم تارىم دەرياسى قىرغىقى ئېكولوگىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ تارىم يېزىسى، دۆڭقوتان يېزىسى، قارچۇغا يېزىسى سۇ ئامبىرى، توغاننى 24 سائەت چارىلاپ، مۇھىم، خەتەرلىك بۆلەك، قىسىملارغا مەخسۇس ئادەم چارىلاش ۋە دىژورنىلىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

تارىم دەرياسىنىڭ كەلكۈن پەسلى ئىلگىركى يىللاردىكىدىن بىرئاي بۇرۇن يېتىپ كەلدى

بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە سۇ كەلمەي قۇرۇپ كەتكەن ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى توغراقلىقلار ھاياتلىققا ئېرىشتى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器