对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيەمىزدە 12-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى ھەمدە تەربىيە ئېيى پائالىيىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.01    يوقلىنىش قېتىم سانى :

7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستتا كەينى-كەينىدىن 12-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيى تېلېۋىزىيىلىك تېلىفون سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ناھىيەمىزدە لوپنۇر ناھىيەلىك 12-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى، ج خ، تەپتىش، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىك كادىرلىرى ۋە يېزا، بازار، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق كومىتېت، ئىشخانا، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، بىۋاستە باشقۇرىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بولۇپ 120 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. 

ناھىيەلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ 12-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيى تېلېۋىزىيىلىك تېلىفون يىغىنىغا قاتناشتى

      ليۇ فۇلىن شۇجى يىغىندا سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى ھەمدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىرىنچى، «پاكلىق مىزانى» نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. ھەردەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت «پاكلىق مىزانى» نى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ «پاكلىق مىزانى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى كۈچەيتىش قۇرۇلىشىنىڭ بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك رەھبىرى كادىرلار ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇپ، پاكلىق بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزىشى لازىم. ئىككىنچى، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلىي پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويۇش لازىم. يېزا، بازار، تارماق، ئورۇنلار بىر قولدا پاكلىق تەربىيىسىنى، يەنە بىر قولدا خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيە ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيە بىلەن خىزمەت ئىككىسىگىلا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنداش لازىم. ئۈچىنچى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەلەپ قىلىش لازىم. كەڭ پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە قول تۇتۇپ ھەل قىلىش؛ يېڭى ئۇسلۇب توغرا كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتقا قارشى تۇرۇش، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، تۈپ مەنپەئەتىگە ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەمەلىي چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تۈگۈتۈپ، خەلق ئاممىسىنى بېيىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيىدا كۆرىنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ليۇ فۇلىن شۇجى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

      ليۇ فۇلىن شۇجى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرگە مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى: بىرىنچى، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇش لازىم. ئاقسۇپا، دۆڭقوتان ۋە قارچۇغا يېزىسىنىڭ 116 ئائىلىلىك يېزىلاردىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون ”خەلقنى بېيىتىش بىخەتەر ئۆي“ قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 2015-يىلغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا 70 مىڭ ئائىلىلىك دېھقانلارنىڭ بىخەتەر ئۆيىنى سېلىشنى پىلانلىدى، ناھىيەمىز 916 ئائىلىلىكنى ئىلتىماس قىلدى. يېزا، بازار ۋە ئالاقىدار تارماقلار سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاش؛ ”يېزىلاردا يېزىلارچە قىياپەت بولىشى كېرەك“ دېگەن مەزمۇن بويىچە، يېزا كەنت پىلانى، كەنت قىياپىتىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇش لازىم. ئىككىنچى، بۇ بىر يىلنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ بولدى، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 19 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا قايتىدىن نەزەر سېلىپ، ئەستايىدىل رەتلەپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش قەدىمىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ھەل قىلىش لازىم.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ 12-قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلدى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器