对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيەسىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ”قوش تىل ئۆگۈنۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش“ قوش تىل ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.07.01    يوقلىنىش قېتىم سانى :

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ”قوش تىل ئۆگۈنۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش“ قوش تىل ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، يېزا، بازارلار ۋە ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق تارماقلاردىن كەلگەن 15 ۋەكىللەر ئەترىتى كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاڭ گۈەنجۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە كۆردى.

ناھىيىمىزدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 89 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ”قوش تىل ئۆگۈنۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش“ قوش تىل ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاڭ گۈەنجۈن مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

      بۇ قېتىمقى ”قوش تىل“ ماھارەت مۇسابىقىسى پارتىيىنىڭ ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنى مەدھىيلەش، ”قوش تىل“ ئۆگىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تېمىلارنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئاقسۇپا يېزىسى ئورۇنلىغان نومۇر

تارىم يېزىسى ئورۇنلىغان نومۇر

ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتكومى ئورۇنلىغان نومۇر

      بۇ قېتىمقى ”قوش تىل“ ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىق  نۇقتىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەترەتلەر  ئېتوت، كۆرۈنۈش ئويۇنى ئورۇنلاش ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق سەنئەت شەكلى ئارقىلىق، ”قوش تىل“ ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى نامايەندە قىلىپ، مۇسابىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا بولغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن.

مۇكاپاتلانغان ئورۇنلار تەقدىرلەندى

      بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ”قوش تىل“ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تارماقلارنىڭ ”قوش تىل“ ئۆگىنىش كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشتا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器