对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
باي ناھىيىلىك پارتكوم ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى ناھىيىمىزنى كۆزدىن كەچۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.06.30    يوقلىنىش قېتىم سانى :

6-ئاينىڭ 29-كۈنى، باي ناھىيىلىك پارتكوم ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى باي ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئاينۇر مەخسۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھىيىمىزگە كېلىپ، ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېيىم مامۇت، مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن قاتارلىق رەھبەرلەر كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا ھەمراھ بولدى. 

باي ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئاينۇر مەخسۇت (ئوڭدىن بىرىنچىسى) داشى كەنتىنى كۆزدىن كەچۈردى

      داشى كەنتىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى داشى كەنتىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئائىت ئەھۋال تونۇشتۇرىشىنى ئاڭلىدى، ”باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ داشى كەنتىگە يازغان جاۋاب خەت خاتىرە تېشى“، داشى كۆرگەزمىخانىسى ۋە دېھقانلارنىڭ داچىلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ئاينۇر ھاكىم داشى كەنت كوللىكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، كەنت ئەزالىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى بىلگىنىدە، ناھىيىمىزنىڭ داشى كەنتىنى ۋەكىل قىلغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە يۇقىرى باھا بېرىپ، داشى كەنت قۇرۇلۇشىدىكى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشنىڭ ئۈلگىلىك تەجرىبىلىرىنى باي ناھىيىسىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باي ناھىيىلىك پارتكوم ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى شەھەر مەنزىرىسى بەلبىغىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

باي ناھىيىلىك پارتكوم ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى شەھەر مەنزىرىسى بەلبىغىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

باي ناھىيىلىك پارتكوم ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى 6-نومۇرلۇق مەھەللىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى

ئاينۇر ھاكىم ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

      كەينىدىنلا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ناھىيىمىزنىڭ يىنخۇا مەھەللىسى، شەھەر مەنزىرىسى بەلبىغى، 6-نومۇرلۇق مەھەللىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ناھىيىمىز شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۇرالغۇ مۇھىتنى ياخشىلاش، تۇرۇشقا باب كېلىدىغان ناھىيە بازىرى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى زورايتتى. 2006-يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، شەھەر قۇرۇلۇش قەدىمى ۋە تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، كورلىدىن لوپنۇرغا ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈش، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، شەھەر يولى، شەھەرنى كۆكەرتىش، شەھەر مەنزىرىسى بەلبىغى قاتارلىق بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلار كەينى-كەينىدىن پۈتكۈزۈلدى. ناھىيە بازىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 2009-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ”باغچىلاشقان ناھىيە بازىرى“ دەپ باھالاندى.

      ئاخىرىدا، ئاينۇر ھاكىم ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنىڭ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器