6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى گۈلباغ يېزا ۋە شىڭ پىڭ يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى، قاتناش تارمىقى ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

ليۇ فۇلىن شۇجى گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى
ليۇ فۇلىن شۇجى گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يېزا تاشيولنىڭ لىنىيە بويلاپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. بۇ قۇرۇلۇش ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ 2010-يىللىق نۇقتىلىق يېزا تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى، 3-دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلەنگەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىغان، ئومۇمىي سېلىنما 11 مىليون يۈەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 12.3 كىلومېتىر بولۇپ، ئىككى ئاساسىي لىنىيە ۋە ئۈچ تارماق لىنىيىدىن تەشكىل تاپقان. نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 300 مېتىرلىق بۆلەكنىڭ يول ئۇلى، 3 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتىكى يول يۈزىنى تەكشىلەش ۋە 5سۈڭگۈچ ئورنىتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، بۇ يولنىڭ ياسىلىپ پۈتكۈزىلىشى شەھەر يېزا ئۇل مۇئەسسەسەسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يول تورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى، دەرىجىسى ۋە تۇتىشىش چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يول لىنىيىسى ئەتراپىدىكى 25 مىڭ دېھقان-چارۋىچى ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ليۇ فۇلىن شۇجى يېزا تاشيولى قۇرۇلىشىغا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى
ليۇ فۇلىن شۇجى ئالاقىدار يېزا، بازار، قاتناش تارمىقى ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە قوللاش؛ ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، يول قۇرۇلۇشىغا چېتىشلىق يەر ئىگەللەش، ستولبىلارنى يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش؛ يول قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە، قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرىشىنى كۈچەيتىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاشقا تىرىشىشنى تەلەپ قىلدى.