بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ غەلبىلىك يېپىلدى
6-ئاينىڭ 24-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ نىڭ بېكىتىلگەن پائالىيەت ۋە مۇسابىقە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 5:00 تە ناھىيىلىك قەلىبداشلار مەيدانىدا داغدۇغىلىق يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ يېپىلىش مۇراسىمى

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇ يىنشەن، ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىنشېڭ، ئوبلاستلىق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى باتۇر، ئوبلاستلىق مىللەت دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئارتې، ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ خوڭ قاتارلىق ئوبلاست رەھبەرلىرى، لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىشىت مىيىن، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى، چاقىلىق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى كاڭ شەنفاڭ ھەمدە ناھىيە شەھەر ۋەكىللەر ئۆمىكى، رېپىرلار، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق تارماق، ئورۇنلار بولۇپ 1200 دىن ئارتۇق ئادەم يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئوبلاست، ناھىيە رەھبەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوللىكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوللىكتىپ ۋە شەخسلەر
يېپىلىش مۇراسمىدا رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان ئوبلاست، ناھىيە رەھبەلىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدىكى پائالىيەتلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوللىكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى. باغراش ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى كوللىكتىپ ئومۇمىي نومۇرى بويىچە ئالدىنقى ئۈچىنچىلىككە، قاراشەھەر ناھىيىسى، بۈگۈر ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنەۋۋەر كوللىكتىپ مۇكاپاتىغا، چاقىلىق ناھىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى تەنتەربىيە ئەخلاقىي كەيپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. لەي زېخوڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە ھۆسنخەت ۋە رەسىم گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، لى شۈن، ليۇ خاۋ ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە فوتو سۈرەت گۇرۇپپىسى مىللىي ئۆرپ-ئادەت تۈرى ۋە مەنزىرە كۆرۈنۈشى تۈرى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ۋاڭ خەنبىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىنى لايىھىلەش ئېچىش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇ يىنشەن تەبرىك سۆزى قىلدى
مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇ يىنشەن تەبرىك سۆزى داۋامىدا ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى؛ چوڭ يىغىننىڭ ساھىبخانى بولغان لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى نادام بايرىمى يىغىنىنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق پىلانلاپ تەشكىللىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى؛ نادام يىغىنىدا قۇيۇق شەرققە قايتىش مەدەنىيىتى ۋە لوپنۇر مەدەنىيىتى نامايەندە قىلىنىپ، ئوبلاست ۋە لوپنۇرنى سىرتقا ئېچىۋىتىشتەك يېڭى قىياپەت تىكلەنگەنلىكىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ھەمدە نادام يىغىنىدىكى مىللەتلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ قوشۇش ئۇسۇلىدىن ئىنتايىن خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم ئوبلاستلىق ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى بايرىقى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
يىغىن بايرىقى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدە چاقىلىق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى كاڭ شەنفاڭ چاقىلىق ناھىيىسىگە ۋەكالىتەن، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇ يىنشەننىڭ قولىدىن ئاپتونوم ئوبلاستلىق ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بايرىقىنى ئۆتكۈزىۋالدى، بۇ چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 8-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۈستىگە ئالغان ناھىيە ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئەڭ ئاخىرىدا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ نىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ناھىيە شەھەر ۋەكىللەر ئەترىتى
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، بىراق ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر، مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىق دوستلىقى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھەممىمىز كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چاقىلىق ناھىيىسىدە يەنە جەم بولۇپ، بايىنغولىن دىيارىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتىمىز!