بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» مۇسابىقە تۈرلىرى جىددىي تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى
6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ناھىيىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە ئات بەيگە مەيدانىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېلىشىش، ئىككى كىشلىك ئارغامچا تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى ئېلىپ بېرىلدى. 7000 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت ئاممىسى مۇسابىقە كۆردى.

ئات بەيگىسى

تۆگە بەيگىسى

موڭغۇلچە ئەنئەنىۋى چېلىشىش

مىللىيچە چېلىشىش

بوك (موڭغۇلچە چېلىشىش)

ئىككى كىشلىك ئارغامچا تارتىشىش
نادام دېگەن سۆز موڭغۇل تىلىدا «كۆڭۈل ئېچىش» ياكى «ئۇيۇن ئويناش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، موڭغۇل خەلقىنىڭ مول-ھوسۇل ئالغاندىكى خوشاللىق ھېسىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نادام بايرىمى موڭغۇل مىللىتى خەلقىنىڭ بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى. نادام بايرىمى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن ئات بەيگىسى، ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى، مىللىيچە چېلىشىش، موڭغۇلچە ئەنئەنىۋى چېلىشىش، بوك (موڭغۇلچە چېلىشىش)، ئىككى كىشلىك ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈر 25 كىچىك تۈردىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقە تۈرى بار.