对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.06.24    يوقلىنىش قېتىم سانى :

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

      6-ئاينىڭ 23-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ئېچىلىش مۇراسىمى ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى 

ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ۋە ناھىيىمىز تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

ئېچىلىش مۇراسىمى مەيدانى

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى خاۋ بادەي، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى شى جيەنيوڭ، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بارې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سەيرېن جافۇ، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جىنشى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالاشى، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ پېڭ، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇ يىنشەن، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن شىنچۈەن، لامۇجافۇ قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىشىت مىيىن، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دۆلەت بايرىقى چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

نادام بايرىقى چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى بايرىقى چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

داشى كەنت چاسا ئەترىتى باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى يېزىلغان ئابىدىنى كۆتۈرۈپ رەئىس سەھنىسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە

ياشانغانلار بەلدۇمباق چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ھەيۋەتلىك جاڭ-دۇمباق چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

رېپىرلار ۋەكىلى چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

ناھىيە شەھەرلەر ۋەكىللەر چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىرىپ كەلمەكتە

بايراق چىقىرىش مۇراسىمى

دۆلەت بايرىقى، نادام بايرىقى، لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى بايرىقى شامالدا لەپىلدىمەكتە

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى تەبرىك سۆزى قىلماقتا

ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جىنشى ئېچىلىش مۇراسىم سۆزى قىلماقتا

ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى شى جيەنيوڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بېيجىڭ ۋاقتى 9:30 دا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تەڭ، يىغىن مەيدانىدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جاراڭلىق مارش ساداسى ياڭرىدى، خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئۈچ نەپەر رىياسەتچىنىڭ قايناق ھېسىيات بىلەن سۆزلىگەن چۈشەندۈرۈش سۆزىگە ئەگىشىپ، دۆلەت بايرىقى چاسا ئەترىتى، نادام بايرىقى چاسا ئەترىتى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ خاداك چاسا ئەترىتى، لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى بايرىقى چاسا ئەترىتى ئاستا-ئاستا مەيدانغا كىرىپ كەلدى. كەينىدىن ئەگىشىپ مەيدانغا كىرگىنى ناھىيىمىزنىڭ داشى كەنت دېھقان-چارۋىچى ئامما چاسا ئەترىتى، ياشانغانلار بەلدۇمباق ئۇسۇلى چاسا ئەترىتى، ”ئۇچقاندەك راۋاجلانغان لوپنۇر“ چاسا ئەترىتى ۋە ھەيۋەتلىك جاڭ-دۇمباق چاسا ئەترىتى بولۇپ، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى سەپلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەرنىڭ بىرقىسىمى، ئۇلار بۈگۈنكى يېڭى لوپنۇر ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، غەلبە شادلىقىنى قولغا كەلتۈردى. كەينىدىن رېپىرلار ۋەكىلى چاسا ئەترىتى ۋە ناھىيە شەھەرلەر ۋەكىللەر چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىردى. بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان ئەزىز مېھمانلارنى تونۇشتۇردى ھەمدە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقىدى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن تەبرىك سۆزى قىلدى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جىنشى ئېچىلىش مۇراسىم سۆزى قىلدى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى شى جيەنيوڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇسسۇل---«يايلاققا مەدھىيە»

ئۇسسۇل---«ئۇچقاندەك راۋاجلانغان لوپنۇر»

مىللىيچە ئۇسسۇل--- «لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ»

      ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرىدا موڭغۇل مىللىتى ياشلىرىنىڭ «يايلاققا مەدھىيە» ئۇسسۇلى موڭغۇل خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى؛ ياشانغانلار بەلدۇمباق ئۇسۇلى چاسا ئەترىتىنىڭ «يەر-جاھان خوشاللىققا چۆمدى» ئۇسسۇلى ناھىيىمىز پېشقەدەم كادىرلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقسىمۇ روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدىغان، مەدەنىيەتلىك، ئالغا باسقان، ساغلام روھىي-قىياپىتىنى؛ «ئۇچقاندەك راۋاجلانغان لوپنۇر» ئۇسسۇلى لوپنۇر ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، ھەرساھە ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى قىياپىتىنى؛ «ھەيۋەتلىك جاڭ-دۇمباق ئۇسۇلى» ”قانۇننى ئومۇم ئۈچۈن چىقىرىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش“ تەك ئۇرغۇپ تۇرغان كۆرەش ئىرادىسىنى؛ چوڭ تىپتىكى مىللىيچە ئۇسسۇل «لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ» قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە شەھەرلەرگە لوپنۇرخەلقىنىڭ ئەمگەكچان، ئاقكۆڭۈل ۋە مېھماندوست ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايەندە قىلغان.

      7000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە ئات بەيگە مەيدانىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا چېلىشىش، ئىككى كىشلىك ئارغامچا تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器