6-ئاينىڭ 22-كۈنى، ”گۈزەل بايىنغولىن جەلىپكار لوپنۇر“ ئاساسىي تېما قىلىنغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ سەنئەت كېچىلىكى ناھىيىمىز قەلىبداشلار مەيدانىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

”گۈزەل بايىنغولىن جەلىپكار لوپنۇر“ سەنئەت كېچىلىكى نەق مەيدانى

تاماشىبىنلار سەنئەت كېچىلىكىدىن ھوزۇرلانماقتا
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى خاۋ بادەي، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بارې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلىمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سەيرېن جافۇ، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالاشى، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ پېڭ، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇ يىنشەن، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن شىنچۈەن، ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لامۇجافۇ قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار تەكلىپ قىلىندى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىشىت مىيىن، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمراھ بولدى.

ئۇسسۇل---«لوپنۇر سەنىمى»

ئۇسسۇل---« مېنىڭ بايىنغولىنىم»

ئۇسسۇل---« مېنىڭ بايىنغولىنىم»

موڭغۇل مىللىتى ئۇسسۇلى---«شەرققە قايتقان ساۋۇردىڭ»

ئۇسسۇل---«داشى كەنتىنىڭ باياشات تۇرمۇشى»

موڭغۇل مىللىتى ئۇسسۇلى---«توۋشۇرغا مۇھەببەت»

ئۇسسۇل---«يۈكسىلىۋاتقان يېڭى يېزا»

ئۇسسۇل---«لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ»

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئارتىسلار بىلەن كۆرۈشتى
سەنئەت كېچىلىكى لوپنۇرنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۇسۇلى «لوپنۇر سەنىمى» بىلەن باشلىنىپ، پۈتۈن مەيدان جانلىق ئۇرۇلغان دۇمباق ۋە لەرزان ئوينالغان ئۇسسۇل ئارقىلىق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، كەينىدىن ئورۇندالغان « مېنىڭ بايىنغولىنىم»، «شەرققە قايتقان ساۋۇردىڭ»، «توۋشۇرغا مۇھەببەت»، «توغراق ئانا»، «تارىم دەرياسى بويىدىكى مۇھەببەت كۈيى»، «يۈكسىلىۋاتقان يېڭى يېزا» قاتارلىق نومۇرلار ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت-سەنئەت ئۇسلۇبىنى يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنگە ھەم تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، مىللىي مەدەنىيىتى، ھاللىق تۇرمۇش ۋە بەختلىك، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش داۋامىدىكى تىرىشچانلىقلىرى شۇنداقلا شەرققە قايتىش ئۇلۇغۋار تارىخىي، لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيلىگەن ھەمدە ناخشا-قوشاق، ئۇسسۇل ئارقىلىق جانلىق نامايەندە قىلغان بولۇپ، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت تەبرىك سۆزى قىلدى
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ۋە ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ دىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنە ئارقىلىق، ئوبلاستىمىزنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، لوپنۇرنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىپ، ”زېمىنى كەڭ كۈچى زور، باياشات گۈزەل، ئامان ئىناق“ ئوبلاست قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئون مىڭغا يېقىن ئامما ئويۇن كۆردى

خاتىرە سۈرەت