对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە ”لوپنۇر مەشرىپى“ ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.06.21    يوقلىنىش قېتىم سانى :

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىسىدە ”لوپنۇر مەشرىپى“ ئۆتكۈزۈلۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلدى. 

ناھىيىمىزدە ”لوپنۇر مەشرىپى“ ئۆتكۈزۈلۈلدى

مەشرەپ مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت تەبرىك سۆزى قىلدى

      مەشرەپكە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۈجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيىم باۋۇدۇن، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غۇپۇر ئابدۇللا قاتارلىق ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىندى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىشىت مىيىن، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمراھ بولدى.

«لوپنۇر سەنىمى»

«ئىككى مەھەللە قوشىقى»

«توي مەشرىپى»

«توغراق ئانا»

«لەڭ قوشىقى»

«لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ»

«لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ»

      مەشرەپ ئالدى بىلەن كوللىكتىپ ئۇسسۇل «لوپنۇر سەنىمى» بىلەن باشلاندى. «توي مەشرىپى»، «گۈل داشى»، «قىزىل گۈلۈم»، «توغراق ئانا» قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق ناھىيىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك، ئىناق يۇرت بەرپا قىلىشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى نامايەندە قىلىنىپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئورۇندالغان «لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ» دېگەن نومۇر مەشرەپنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، مەشرەپ قىزغىن ھەم يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە ئاياقلاشتى.

خاتىرە سۈرەت

      مەشرەپنىڭ پۈتكۈل جەريانى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قۇيۇق ئۆزگىچىلىكى بىلەن تولغان بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ نى تەبرىكلەش كەيپىياتى تولۇپ تاشقان. شۇنداقلا ناھىيىمىز ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر، ئىناق لوپنۇر قۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايەندە قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器