对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيىمىزدە ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنى ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.06.17    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ناھىيىمىزدە ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنى ئېچىلدى

      6-ئاينىڭ 17-كۈنى، ناھىيىمىزدە ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنى ئېچىلىپ، «ئىككى بايرام» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ناھىيىلىك تەشۋىقات، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ناھىيىمىزدە «ئىككى بايرام» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنى ئېچىلدى

ليۇ فۇلىن شۈجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى 

ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرگە تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

      يىغىندا ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرگە تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ، تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، يىغىن كۈنتەرتىپى، ئېچىلىش مۇراسىمى، چۈشەندۈرۈش سۆزى، «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى. ليۇ فۇلىن شۈجى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: تەييارلىق خىزمىتى ھالقىلىق پەيتكە قەدەم قويغان بولۇپ، كۈتىۋېلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ھالقا ۋە ئىنچىكە ھالقىلارنى ياخشى ئۇلاش لازىم، بىرىنچى، يىغىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ۋە ئىنچىكە ئىشلەش، ھالقىلار ئىخچام بولۇش؛ ئىككىنچى، بىخەتەرلىك قوغداش خىزمىتىنى يىغىننىڭ ئاساسىي ۋە ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، يىغىنغا قوماندانلىق قىلىش ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى يېڭى نۇرباغ كەنتىدە ئات بەيگە مەيدانى يولىنىڭ ياتقۇزۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئەتراپىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى

ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياتاق، تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى 

ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

      يىغىندىن كېيىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ئالاقىدار رەھبەرلەرنى باشلاپ پائالىيەت مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كەچۈردى ھەمدە يېڭى نۇرباغ كەنتىدە ئات بەيگە مەيدانى يولىنىڭ ياتقۇزۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئەتراپىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياتاق، تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن قولايلىق، ئەتراپلىق، بىخەتەر بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، تۇرمۇش لازىمەتلىك بويۇملىرىنى تەمىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كەينىدىنلا ناھىيە رەھبەرلىرى 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىغا بېرىپ، ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي يىغىن مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە ھالقىلارنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدى.

      ليۇ فۇلىن شۈجى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشنى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، مەيدان ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى؛ ئوبلاستىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقە، پىكىر ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئىككى بايرام» نىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器