对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر مىزىلىك تائام مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.06.12    يوقلىنىش قېتىم سانى :

لوپنۇر ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ساياھەتنىڭ دەرىجىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىش كۈتىۋېلىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە لوپنۇر يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى، لوپنۇر مېھمانخانىسى ئۈستىگە ئالغان لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر مىزىلىك تائام مۇسابىقىسى ئەندا سودا-سارىيىنىڭ ئالدىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئاشپەزلەر جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئوبلاست، ناھىيىدىكى ئالاقىدار زاتلار مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى، ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئالاھىدە مېھمان قاتارىدا تەكلىپ قىلىندى.

تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇر مىزىلىك تائام مۇسابىقىسى مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

 

مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى 

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار

مۇسابىقىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاشپەزلەر جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئوبلاست، ناھىيىدىكى ئالاقىدار زاتلار مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى كېلىپ مۇسابىقە كۆردى

      باھالىغۇچىلار ئادىل، ئاشكارا، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقان 18 ئورۇننىڭ 44 تۈرلۈك تائاملىرىنى بىرمۇ-بىر تېتىش ۋە نومۇر قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ 10 خىل داڭلىق قورۇمىسى ۋە لوپنۇرنىڭ 8 خىل داڭلىق ماركىلىق قورۇمىلىرىنى باھالاپ، نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى.

لوپنۇر كۆمەچدان كاۋىپى

يۇلغۇن كاۋاپ

لوپنۇر قوي پاقالچىقى

قەيسەر بالا تونۇر كاۋىپى

لوپنۇر ياغاچ تەڭنە گۆشى

غەربىي يۇرت پىل چىشى قوۋۇرغىسى

باھالىغۇچىلار تائاملارنى باھالىدى

شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى

ساياھەتچىلەر مىزىلىك تائاملارنى تېتىماقتا

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيىمىز لوپنۇر يىمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، لوپنۇرنىڭ ئۆزگىچە يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق يىمەك-ئىچمەكنى يېتەكلەپ، يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لوپنۇردا مەدەنىيەت ساياھەت راۋاجلانغان، گۈللەنگەن خوشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزىلىشى لوپنۇر مىزىلىك تائاملىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، لوپنۇر يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش، لوپنۇرنىڭ مىزىلىك تائام مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەندە قىلىش، ماركىلىق يىمەك-ئىچمەك ۋە ئۆزگىچە يىمەك-ئىچمەكنى قېزىش ۋە يىتىشتۈرۈش، يىمەك-ئىچمەك ئىستىمال بازىرىنى ئېچىش ۋە يىمەك-ئىچمەك ئىستىمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىش، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال ئىلگىرى سۈرۈش رول ئوينىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器