ناھىيىمىزدە ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلدى
6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ناھىيىمىزدە ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلدى

تەييارلىق كومىتېتى 5-يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يىغىن تەشكىلي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يىنشەن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نازارەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئەخمەت قادىر، مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر ۋە ئاپتونوم ئوبلاست، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ تەشۋىقات، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مىللەت دىن ئىشلىرى، مەدەنىيەت، ساياھەت، رادىئو-تېلېۋىزىيە، چارۋىچىلىق، ئورگان ئارقا سەپ مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇيىنشەنگە يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى
ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇيىنشەنگە يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، مەخسۇس مەيدان سەنئەت كېچىلىكى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، يېپىلىش مۇراسىمى، كۈتىۋېلىش مۇلازىمەت، بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى ۋە مۇھىم نۇقتا قىيىن نۇقتا ھالقىلىرىدىن دوكلات بەردى ھەمدە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، بۇ قېتىمقى چوڭ يىغىننى ياخشى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى ۋە قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇيىنشەن يىغىننىڭ تەييارلىق ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتلارنى ئاڭلىدى
مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ۋۇيىنشەن ھاكىم ئابلىمىت ئابلەتنىڭ يىغىننىڭ تەييارلىق ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە ئوبلاستىكى ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەييارلىق خىزمىتىدىكى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئۇ يەنە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يىغىن تەييارلىق خىزمىتىدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە يۇقىرى باھا بەردى، ئۇ لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پائالىيەتكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىنچىكە ئىشلەپ، ئىلگىرلەش قەدىمىنى مۇۋاپىق تېزلەتكەن بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتنى ئوبلاست خەلقى رازى بولغىدەك قىلىپ ئۆتكۈزەلىشىدە مەسىلە يوقلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى، بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يىغىننى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسىي ۋە ئالدىنقى شەرتى قىلىش؛ ئىككىنچى، يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمان، تەنھەرىكەتچى، رېپىرلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قوغداش؛ ئۈچىنچى، كۈتىۋېلىش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەلگەن مېھمانلارغا لوپنۇر خەلقنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش؛ تۆتىنچى، يىغىننىڭ قوماندانلىق ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇسابىقە تۈرلىرى ۋە پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.