ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت بايىنغولىن مۇڭغول ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ پائالىيەت مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى
ناھىيىمىز ئۈستىگە ئالغان بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك ”شەرققە قايتىش نادام بايرىمى“ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك ”لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى“ پات ئارىدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نازارەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، لوپنۇر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلىمىنىڭ باشلىقى ئەخمەت قادىر، مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر، پەن-تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ئەخمەت ئىبراھىم ۋە قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەت مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسىي پائالىيەت مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت نۇرباغ يېڭى كەنتى تەنتەربىيە مەيدانى (ئات بەيگە مەيدانى) دا بەيگە يولىنىڭ ياتقۇزۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئەتراپىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى
.jpg)
ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قەلىبداشلار مەيدانىدا پائالىيەت مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ئالدى بىلەن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئاساسىي پائالىيەت مەيدانىغا بېرىپ، ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي پائالىيەت مەيدانىنىڭ لايىھىسى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى. ئاندىن كېيىن نۇرباغ يېڭى كەنتى تەنتەربىيە مەيدانى (ئات بەيگە مەيدانى) غا بېرىپ، بەيگە يولىنىڭ ياتقۇزۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئەتراپىدىكى ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. قەلىبداشلار مەيدانىدا ئەدەبىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ۋە پائالىيەتنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى نومۇرلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش، سەھنە كۆرىنىشى ۋە چىراق نۇرى ئاۋاز ئۈنۈمى قاتارلىق تەرەپلەردە كونكرېت پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى.
ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پائالىيەتنىڭ غەلبىلىك بولىشىنىڭ ئاساسى، شۇڭا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرتەرەپلىمە ئويلۇشۇش لازىم. بىرىنچى، تېجەشلىك ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «ياخشى پولاتنى پىچاقنىڭ بىسىغا ئىشلىتىش» دېگەنگە ئوخشاش ئىش قىلىش؛ ئىككىنچى، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرلەش قەدىمىنى چىڭ تۇتۇپ، پائالىيەت مەيدانىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق دېتال قۇرۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئۈچىنچى، ئالدىن پىلانلاپ، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، رېپېتىتسىيە ۋە مەشىق قىلىش ئارقىلىق تەجرىبە توپلاپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىش؛ تۆتىنچى، لوپنۇر مەدەنىيىتىنى نامايەندە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزگىچىلىكنى ئۇزاققىچە ئەھمىيەت بېرىشكە پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش؛ بەشىنچى، ئاپتونوم ئوبلاستىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە قوشنا ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقە، پىكىر ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتكە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئالتىنچى، سەمىمىيلىكنى نامايەندە قىلىپ، كۈتىۋېلىش مۇلازىمىتى ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتنى ئىشەنچلىك بولغان ئارقا سەپ كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىش لازىم.