6-ئاينىڭ 7-كۈنى، خېبېي شېن ۋېي دورىگەرلىك گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى جېنجياڭ تۆت كىشىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ناھىيىمىزدە تەكشۈرۈشتە بولدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ليۇ كېۋىن، مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بو قاتارلىق رەھبەرلەر تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

خىزمەت سۆھبەت يىغىنى نەق مەيدانى

شېن ۋېي دورىگەرلىك گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى جېنجياڭ شېن ۋېي دورىگەرلىك گورۇھىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا
ناھىيىمىز رەھبەرلىرى ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قىزغىن ئىناق كەيپىيات ئىچىدە خىزمەت سۆھبەت يىغىنى چاقىردى. شېن ۋېي دورىگەرلىك گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى جېنجياڭ شېن ۋېي دورىگەرلىك گورۇھىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، زامانىۋى جۇڭيى دورا مەھسۇلاتلىرى، زامانىۋى جۇڭيى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە شېن ۋېي كارخانا مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ليۇ فۇلىن شۈجى مېھمانلارغا ناھىيىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە
ليۇ فۇلىن شۈجى مېھمانلارغا ناھىيىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيىمىز كېۋەزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە نۇقتىلىق كۈچ سەرپ قىلدى، ناھىيىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلات سۈپىتى، بىرلىك مەھسۇلاتى ۋە ئومۇمىي مەھسۇلاتى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پاختىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىدا دەسلەپكى كۆلەم شەكىللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازا ناھىيىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى. ليۇ فۇلىن شۈجى يەنە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ جايلىشىشى ۋە تەكشۈرۈپ ئېچىش ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىقلار ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا مەبلەغ سېلىپ ئېچىش، باج ۋە ئۆسۈم يىغىش، دورا ماتېرىياللىرى تېرىش، دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
6-ئاينىڭ 8-كۈنى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىن شىڭ چۈچۈكبۇيا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى ۋە لوپنۇرغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، لوپنۇرنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.