6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ناھىيىمىزدە گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يول قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ كۆنچى ئوتتۇرا يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن يولداش ليۇ فۇلىن، رىشىت مىيىن، ليۇ جىنجىڭ، گۈلزار جىلىل، ۋاڭ بو، ئەخمەت ئىبراھىم، سەمەت مەمەت قاتارلىقلار ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن تەبرىك سۆزى قىلدى، مۇئاۋىن ھاكىم يى پىڭچۈەن ئىش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن قاتارلىق تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن لېنتا كەستى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلىي ئىش قىلىش، ياخشى ئىش قىلىش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قاتناش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەر يېزا يول قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ناھىيە يېزا يولى ۋە ناھىيە بازىرى يوللىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۇزۇندىن بۇيان چەكلەپ قويىۋاتقان «يول يۈرۈش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى كۆنچى ئوتتۇرا يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن لېنتا كەستى
بۇ قېتىم قۇرۇلۇش باشلانغان گۈلباغ يېزىسى شىڭ پىڭ يېزىسىدىن بولغان دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىگىچە بولغان يول قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ كۆنچى ئوتتۇرا يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى ناھىيىمىز بۇيىل بېكىتىپ يولغا قويماقچى بولغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، مۇھىم يېزا يوللىرى ۋە شەھەر يوللىرىغا ئايرىلغان، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11 مىليون يۈەن ۋە 6 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. ئىككى يولنىڭ ياسىلىشى شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، شەھەر يېزا يوللىرىنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاش، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يول يۈرىشىگە قولايلىق يارىتىشتا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.

ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن تەبرىك سۆزى قىلدى
ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گې جيەن تەبرىك سۆزى قىلغاندا ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ياخشى بولغان قۇرۇلۇش مۇھىتى بەرپا قىلىشنى؛ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، يول قۇرۇلىشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپ بويىچە ئامما رازى بولغىدەك قىلىپ تاماملاشنى تەلەپ قىلدى.