对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.06.03    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بايىنغولىن مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەلەت شالىيېف، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى چى چوڭچىڭ، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مەردان مۇقىيىت، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن، مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ، مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر ۋە شىخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ 30 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن مەيدانى

ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى خەۋەر قىلماقتا

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن قۇيۇق مىللىي تۈس ۋە يەرلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى، مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ مېھمانلارغا ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئاخىرىدا رەھبەرلەر مۇخپىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. 

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7-نۆۋەتلىك 9-قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شەرققە قايتقانلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى نامايەندە قىلىش، لوپنۇرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلىنىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيىنى ياڭرىتىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش» تىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، شەرققە قايتىش مەدەنىيىتى ۋە لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا، ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى پائالىيىتىنى تايانچ، مول، رەڭگارەڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت كۆرىنىشى، كەسپىي ئۇيۇن كۆرسىتىش ۋە سودا يەرمەنكىسىنى ۋاستە قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، كاتتا تەنتەنىلىك ۋە تېجەشلىك يۇقۇرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ بىر نۆۋەتلىك پائالىيەتنى قۇيۇق مەدىنىي تۈس ۋە يەرلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلغان ئاساستا ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز. 

مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مەردان مۇقىيىت سۆز قىلدى

مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى مەردان مۇقىيىت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بولسا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى نامايەندە قىلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، شەرققە قايتىش مەدەنىيىتىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، ئوبلاست ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچى، سودىگەرلەرنى يەرمەنكىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت قىلىشقا جەلىپ قىلىش، ئوبلاستىكى كەڭ كادىر ۋە ئاممىنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۇزاق مەزگىللىك ئامانلىق خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت. 

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى

«شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيىتى، شۇنداقلا مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە شەكىللىرىنىڭ بىرى. «نادام» نىڭ مۇڭغۇل تىلدىكى مەنىسى «كۆڭۈل ئېچىش، ئۇيۇن ئويناش» بولۇپ، مول-ھوسۇل ئالغاندىكى خوشاللىق ھېسىياتىنى بىلدۈرىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە لوپنۇر ناھىيىلىك 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى» 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ناھىيىمىزدە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器