对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىڭجاڭ ناھىيىمىزگە كېلىپ خىزمەتلەرگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  بەرپا  قىلىش  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.05.21    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىڭجاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسى بەرپا قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گوڭ يەن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گوجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيىمىزگە كېلىپ خىزمەتلەرگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى. تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى دوكلات ئاڭلاش، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ناھىيىمىزنىڭ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىشىت مىيىن، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ليۇ جىنجىڭ قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 100 دىن ئوشۇق كىشى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى «مەدەنىيەتنىڭ باھار شامىلى لوپنۇرنى ئىللىتتى» مەخسۇس فىلىمىنى كۆردى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىڭجاڭ بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىڭجاڭ بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نامايەندىسى، شۇڭا ئامما ئېرىشكەن نەپ بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرمىللەت خەلقىنى بېيىتىشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىش؛ ئىككىنچى، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئىقتىساتنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىش؛ ئۈچىنچى، بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىلمىي بەرپا قىلىشنى ئورۇنداپ، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ناھىيىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتۇرۇپ، بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلدۇرۇش لازىم.

ليۇ فۇلىن شۈجى ناھىيىمىزنىڭ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيىمىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى، 2006-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان 77 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ناھىيىدىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، ئىچىملىك سۇ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردۇق. ناھىيىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى ناھىيىمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىشىنىڭ ھەرىكەنلەندۈرگۈچ كۈچى. بۇيىل ناھىيىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى 19 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويدى، نۆۋەتتە ناھىيىمىزنىڭ بەرپا قىلىش خىزمىتى ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويدى، ناھىيىدىكى تارماق، ئورۇنلار ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ھەمكارلىق كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەش ۋە باھالاش سېستىمىسىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشىنى كۈتىۋېلىشى لازىم.

ئاخىرىدا، تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىڭ پىڭ يېزا غول ئۆستىڭىنىڭ مەنزىرە بەلبىغى، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا، 4-نومۇرلۇق مەھەللە، يىنخۇا مەھەللىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ناھىيىمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، رەھبەرلىك ئەھمىيەت بەرگەن، ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان، پىكىر يولى ئايدىڭ، خەلققە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگەن، كەيپىيات قويۇق، نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان دەپ قارىدى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا، ناھىيىمىزنىڭ بەرپا قىلىش پائالىيىتى داۋامىدا ياخشى، ئۆزگىچە ئۇسۇللارنى يۇقىرىغا يوللاپ، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭ دائىرىسىدە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器