ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئوبلاست قۇرۇلۇشىغا سېستىمىلار بويىچە ياردەم بەرگەن خېبىي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 14-ماي كېچىدىن 15-ماي چۈشتىن بۇرۇنقى بوران، قاتتىق يامغۇر، تۆۋەن تېمپېراتۇرا قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ ئوبلاستىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن زور زىيىنىغا ئېتىبار بىلەن قارىدى. 19-ماي، ئوبلاستلىق شۆبە ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ئالىم ئاۋۇت خېبىي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن 800 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى ۋە ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن 300 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلىنى يەتكۈزدى.

ئوبلاستلىق پارتكوم 800 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى ھەدىيە قىلدى

ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى 300 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى ھەدىيە قىلدى

مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر ھال سوراش گۇرۇپپىسىغا ناھىيىمىزنىڭ ئاپەتتىن كىيىنكى ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى
مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر ھال سوراش گۇرۇپپىسىغا ناھىيىمىزنىڭ ئاپەتتىن كىيىنكى ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. يولداش ئالىم ئاۋۇت ناھىيىمىزنىڭ ئاپەتتىن كىيىنكى ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ ئىككىنچى، يېزا-ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز ئېتىزلىرىنى قايتىدىن تېرىش، تولۇقلاپ تېرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش؛ ئۈچىنچى، تېز يۇقىدىغان قۇش زۇكىمى ۋە ئاقسىل كېسىلى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ھايۋاناتلاردىكى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇزۇلغان قوتانلارنى مۇستەھكەملەش؛ تۆتىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىدىيۋى جەھەتتىن تەسەللى بېرىش بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.