对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خېڭشۈي ۋە چېڭدى شەھىرى ناھىيىمىزنىڭ تۈر قۇرۇلۇش خىزمىتىنى تۇتاشتۇردى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.05.19    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ناھىيىمىزگە سېستىمىلار بويىچە ياردەم بېرىدىغان خېبېي ئۆلكىلىك خېڭشۈي شەھىرى ۋە چېڭدى شەھىرى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لۇ خوڭكۈەن، لى ۋېنشىڭ قاتارلىقلار ناھىيىمىزگە كېلىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تۈرنى باغلاش خىزمىتى ئېلىپ باردى. بۇ ئىككى نەپەر رەھبەر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم ليۇ كېۋېن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۈجىسى لى ليۇمېي، مۇئاۋىن ھاكىم ۋاڭ بو، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن قاتارلىق ناھىيە رەھبەلىرى ۋە تەرەققىيات ئىسلاھات، مائارىپ قاتارلىق تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، 4-نومۇرلۇق مەھەللە، 3-نومۇرلۇق مەھەللىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانى، يىنخۇا مەھەللىسى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ئىچكى ئۆلكىدىن كەلگەن رەھبەرلەرگە ھەمراھ بولۇپ 4-نومۇرلۇق مەھەللىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

 

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن 3-نومۇرلۇق مەھەللىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمەكتە

خىزمەت سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلدى

ئىچكى ئۆلكىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ناھىيىمىزدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. ناھىيىمىز يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كەڭ كۇشادە پاراڭلىشىپ، تەييارلىق كۆرۈپ قويغان، يولغا قويۇشقا كۆز تىكىۋاتقان ئەل رايى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۈجىسى لى ليۇمېي مېھمانلارغا 4 مەكتەپنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن تەنتەربىيە مەيدانى ۋە 3-نومۇرلۇق مەھەللىنىڭ «قوش تىل» يەسلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش تۈرىنى چۈشەندۈردى؛ ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن شەھەر بازار ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسىنىڭ كاپالەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى؛ ئاقسۇپا يېزىسى ۋە دۆڭقوتان يېزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئىككى يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇش تۈرىنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈردى؛ ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆي ئىچى پائالىيەت مەيدانى، ئۆي سىرتى ئۆلچەملەشكەن تەنتەربىيە مەيدانى، كۆپ ئىقتىدارلىق رەقەملىك كىنوخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى مەدەنىيەت تەنتەربىيە قۇرۇلۇشىنى چۈشەندۈردى. ئىچكى ئۆلكىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ لوپنۇرغا كەلگەندىن كىيىن، لوپنۇر خەلقىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى ۋە ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى ھەمدە لوپنۇر خەلقىنىڭ سەمىمىي ھاۋالىسىنى ئېلىپ كېتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، باغلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى، لوپنۇرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقى دەپ بىلىپ، ياردەم بېرىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، خادىم ئەۋەتىش، مەبلەغ توپلاش، ئەقلىي قوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا؛ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا؛ شەھەر يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا قارىتىپ، خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈپ، لوپنۇر پارتكومى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، لوپنۇر خەلقىنى رازى قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى سېستىمىلار بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قارىتا، تارماق، ئورۇنلارغا تۆت تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، «ئاكتىپ، تەشەببۇركار بولماسلىق، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش» ئىدىيىسىنى يېڭىپ، ئەتراپلىق پىلانلاپ، يۇقۇرى تۆۋەننى باغلاشتۇرۇپ، سېستىمىلار بويىچە ياردەم بېرىدىغان جايلار بىلەن بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى پائال ياخشى ئىشلەش؛ ئىككىنچى، ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىپ بولغان ۋە شارائىتى پىششىپ يېتىلگەن ئەل رايى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بۇيىل ئامال بار بالدۇر يولغا قويۇشقا تىرىشىش؛ ئۈچىنچى، مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزغا قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، سېستىمىلار بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېقىنقى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك پىلانىنى ھەمدە ئالاقىدار مەخسۇس پىلانلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تۆتىنچى، خىزمەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاممىغا خېڭشۈي، چېڭدى شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ لوپنۇردىكى ھەرمىللەت ئاممىسىغا قىلغان سەمىمىي غەمخولىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器