5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ناھىيىلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى مائارىپ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئوبلاستلىق يەر تەرۋەش ئىدارىسىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئەترىتىدىن ئۈچ نەپەر خادىمنى تەكلىپ قىلىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ ۋە ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە يەر تەۋرەش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لىكسىيىسى ۋە يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرگۈچى خادىملارنى تەربىيلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 600 نەپەردىن ئوشۇق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش تەربىيلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئوبلاستلىق يەر تەرۋەش ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما خوڭرۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتتى
ئوبلاستلىق تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش ئەترىتى ۋېن چۈەن، يۈ شۇدىكى يەر تەۋرەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەشتىكى ئاساسىي بىلىملەر ۋە يەر تەۋرەشتىن بولغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ دەرس سۆزلىدى ھەمدە مەكتەپ يېتەكچىلىرى قانداق قىلغاندا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتقىلى بولۇش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقاتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. تەربىيلەش پائالىيىتى ئارقىلىق كەڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش ئېڭى يەنىمۇ كۈچىيىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ قىيىنچىلىقتىن دالدىلىنىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ھەقىقىي يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ كىيىنكى قەدەمدە يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتنى ئازايتىش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىشىدا پۇختا ئاساس تىكلەندى.