对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە 2010-يىللىق ياشانغانلار خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  ياشانغانلار  كومىتېتى       ۋاقتى : 10.05.18    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ياشانغانلار خىزمەت يىغىنى ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئېچىلدى. ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ گۈەنجۈن، مۇئاۋىن ھاكىم، ناھىيىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مەخمۇت ساۋۇر، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ناھىيىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېيىم مامۇت، ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ناھىيىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەۋلان تۇردى، يېزا بازارلار ۋە ياشانغانلار كومىتېتىدىكى ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ھەمدە ياشانغانلار خىزمىتىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلار بولۇپ 66 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا مۇئاۋىن ھاكىم، ناھىيىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى مەخمۇت ساۋۇر رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياشانغانلار خىزمەت يىغىنى مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئورۇنلار تەقدىرلەندى

مەۋلان تۇردى، رېيىم مامۇت قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياشانغانلار ئىشخانىسى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ناھىيىلىك ياشانغانلار ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ خەيجۈن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ 2009-يىللىق ياشانغانلار خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، 2010-يىللىق ياشانغانلار خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ناھىيىلىك ياشانغانلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يولداش قېيىم توختى «ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياشانغانلار خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار» نى ئوقۇپ، ناھىيىلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى، لوپنۇر بازىرى، شىڭ پىڭ يېزىسى قاتارلىق 3 ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئورۇننى تەقدىرلىدى ھەمدە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ياشانغانلار خىزمىتى نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى.

يولداش جاڭ گۈەنجۈن مۇھىم سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، ياشانغانلار خىزمىتى جىددىي بولغان ئىستىراتېگىيىلىك ۋەزىپە، شۇڭا ياشانغانلار خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئىككىنچى، ياشانغانلار خىزمىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئۈچىنچى، ياخشى بولغان ياشانغانلار خىزمەت كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنى ياشانغانلار خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ۋە ماسلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器