对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە كۆپ خىل شەكىللەردىكى «يود كەملىك كېسىلى تەشۋىقات كۈنى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  سەھىيە  ئىدارىسى       ۋاقتى : 10.05.17    يوقلىنىش قېتىم سانى :

بۈگۈن 15-ماي يەنى مەملىكەتلىك 17-قېتىملىق يود كەملىك كېسىلى تەشۋىقات كۈنى، يودلۇق تۇز ئىشلىتىش نىسپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدا، ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسى، ئىقتىساد سودا ئىدارىسى، ئاياللار ۋە مېيىپلار بىرلەشمىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق 13 ئورۇن 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، «ئىلمىي ئۇسۇلدا يود تۇلۇقلاپ، يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتەيلى» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەشۋىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

كوچىلاردا تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

ئاممىغا يود قوشۇلغان تۇز ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى

بىرىنچى، چوڭ تىپتىكى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلدى. 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسى، ئىقتىساد سودا ئىدارىسى، ئاياللار ۋە مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئەزا ئورۇنلار ناھىيىلىك خوڭدۇ بازىرىنىڭ ئالدىدا چوڭ تىپتىكى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان بولۇپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىغا قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك يودلۇق تۇز سېتىۋېلىش ۋە يودلۇق تۇزنى ساقلاش ھەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قاتارلىق بىلىملەردىن تەلىم بېرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.

ئىككىنچى، دىنىي زاتلارغا يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرى تەشۋىق قىلىندى. سەھىيە ئىدارىسى، ئىقتىساد سودا ئىدارىسى جۈمە كۈنىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ مەسچىت ۋە يود ئىشلىتىش ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ئاقسۇپا يېزىسى، تارىم يېزا چوڭكۆل كەنتىدە تەشۋىقات نۇقتىسى قۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىقات ۋارىقى ۋە يودلۇق تۇز تارقىتىپ بەردى.

ئۈچىنچى، مائارىپ ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار يېزا بازارلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، يېزا بازارلاردىكى خانىم-قىزلارغا «چوڭ قول كىچىك قولنى يېتەكلەش»، «ساغلاملىق بىلىملىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەر نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 5000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىق ۋارىقى تارقىتىلىپ، 11 پارچە شوئار ئېسىلدى، 9 جايدا مەسلىھەت بېرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، 56 نەپەر تەشۋىقات خادىمى ئاجىرتىلدى، 3000 كىلوگرام يودلۇق تۇز ھەقسىز تارقىتىلىپ، مەسلىھەت سورىغان ئامما 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بىرقەدەر ياخشى بولغان تەشۋىقات ئۈنۈمى قولغا كەلتۈرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器